سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز - پەتىۋالار
بۆلۇم سانى: 577
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىزلەرنى ئۇرۇغ-تۇغقانلار ئارا سېلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرىدى. مېنىڭ سوئالىم: سېلە-رەھىم يەتكۈزۇش ۋاجىپ بولغان كىشىلەر كىملەردىن ئىبارەت؟. ئۇلار دادا تەرەپ تۇغقانلارمۇ ياكى ئانا تەرەپ تۇغقانلارمۇ ياكى ئايالى تەرەپتىن بولغان تۇغقانلارمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
ئانام كۆيۈمچان ئەمەس، بىزنى پەقەت چۈشەنمەيدۇ، بىزگە كىچىكىمىزدىن قوپال مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، ھېچ مېھرىبانلىق كۆرمىدۇق، شۇ ھالەتتە چوڭ بولدۇق، ئۇنىڭدىن سىرت مەن قىز بالا بولساممۇ ماڭا باشقىلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدا ھېچنەرسە بىلدۇرمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلارنىڭ ھاياتىدا يۈز بېرىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى بىلمەيمەن، ئومۇمەن بىزگە ياخشى تەربىيە بەرمىدى، خۇددى پەرزەنت ئاتا-ئانىنى قاقشاتسا ئازابقا ئۈچرىغاندەك، ئاتا-ئانىلارمۇ پەرزەنتلەرگە تەربىيە بېرىشكە سەل قارىسا بۇنىڭ ئۈچۈن جازالىنامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
نەسىھەت قايسى شەكىلدە قىلىنسا توغرا بولىدۇ، ئادەم يوق يالغۇز جايدا قىلىنامدۇ ياكى جامائەت سورۇنىدا قىلىنىۋېرەمدۇ؟، قانداق كىشى نەسىھەت قىلىشقا لايىق بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
ئىستىغپار قەلبنى ياشنىتىدۇ دېسە توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
ئىبنى جەۋزىي رەھىمەھۇللاھنىڭ: "ساغلام ئەقىلگە زىت بولغان ھەدىسنى كۆرسەڭ ئۇنى توقۇلما دەپ بىلگىن" دېگەن سۆزى بويىچە، نۇرغۇن ھەدىسلەر ساغلام ئەقىلگە زىت كېلىدۇ. مەسىلەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جىننى بوينىدىن تۇتىۋالغانلىقى، تۆگىنىڭ جىندىن يارىتىلغانلىقى، دەرەخنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكى قاتارلىق ھەدىسلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
ھەنەفىي مەزھىپىدىكى پېشقەدەم ئالىملارنىڭ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھغا بولغان قارىشى قانداق؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
بەزى مەكتەپلەردە سكولارىزم قانۇنى ئىجرا قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتە ناماز ئوقۇشتىن چەكلەۋاتىدۇ، بىزمۇ جۈمە-پېشىن نامىزى ئوقۇشتىن چەكلەندۇق، مەكتەپتىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قورققىنىدىن ناماز ئوقۇشتىن توختاپ قالدى، ھەتتا مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن نېمە ئۈچۈن بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنىدۇ دەپ سوراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. مەن ھەممە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستۈمگە ئىلىپ ئۇلارنىڭ ئىمزاسىنى توپلاپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن مۇدىرنىڭ يېنىغا باردىم، مۇدىر ئەدەپ بىلەن ئۈزرە ئېيتىپ، ئىشنىڭ بۇ قەدەر ئاددى ئەمەسلىكى بەلكى سىلەر ئويلىغاندىنمۇ چوڭ، بۇ قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ، چۈنكى كىم بۇ قانۇننى بۇزسا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن جازالىنىدۇ، دېدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟. بۇ يىللىق ئىمتىھانىنى مۇشۇ مەكتەپتە بەردۇق، يىل توشۇشتىن بۇرۇن مەكتەپتىن چىقىپ كەتكىلى بولمايدۇ ياكى باشقا ئىسلامى مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ، يىللىق ئىمتىھانغا ئۈچ ئاي قالدى، بىزگە يول كۆرسەتكەن بولساڭلار؟.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
مەن سىلەرنىڭ تور بەتتىن نامەھرەملەرنىڭ ئارىلىشىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى بىر قانچە پەتىۋالارنى ئوقۇدۇم، مەن بەزى يازمىلاردا زىتلىق بارلىقىنى تونۇپ يەتتىم، بەلكىم مەن خاتالاشقان بولۇشۇم مۇمكىن. مەسىلەن: 75945-نومۇرلۇق پەتىۋادا، "ئەر ئۇستازنىڭ قىزلارغا بىۋاستە دەرس ئۆتۈشى توغرا ئەمەس پەقەت ئارىسىدا پەردە تارتىپ ئاندىن دەرس ئۆتىشى كېرەك" دەپ بايان قىلىنىپتۇ. ئاندىن 113431-نومۇرلۇق پەتىۋادا، "ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە قىزلار ئالى مەكتەپتە ئوغۇللار بىلەن ئارىلىشىپ دەرس ئالسا بولىدۇ" دەپ بايان قىلىنىپتۇ. مەن ماراكەشتە ياشايمەن، بۇ يەردە قىز-ئوغۇللارنىڭ ئارىلىشىپ يۈرۈشى ئائىلىدە بولسۇن، ئۇرۇغ-تۇغقانلار ئارىسىدا بولسۇن ياكى كوچىلاردا كىشىلەر بىلەن بولسۇن كۈندىلىك ھاياتنىڭ نامايەندىسى. ھېچكىم بۇنى ئىنكار قىلمايدۇ، ھەتتا مەسچىتنىڭ ئىماملىرىمۇ قىز-ئوغۇللارنىڭ ئارىلىشىپ يۈرۈشىنى توغرا دەپ قارايدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىلىشىشى قايسى دەرىجىگىچە بولسا بولىدۇ بۇنىڭدىكى قائىدىنى ئوچۇق بايان قىلىپ بەرمەيدۇ. مەن ھەرقانداق ھالەتتە ئۇلارنىڭ بۇ قارىشىغا قوشۇلمايمەن. مېنىڭ سورايدىغان سوئالىم: بەزىلەر، ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ ياشايدىغان مۇشۇنداق بىر جەمئىيەتتە ئۆز-ئارا ئۇچرىشىش بولماي تۇرۇپ قانداقمۇ ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟ قايسى ئىش ياخشى بولىدۇ؟ ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قىلىشمۇ ياكى ئارىلىشىشتىن ساقلىنىشمۇ؟ دەپ سورايدۇ. توغرىسى: بىز ئەركەك ۋە ئايال ئۇرۇغ-تۇغقانلارنى ئۆيگە چاقىرغاندا ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم ئۆيگە باشلاپ، ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىشىدىن ساقلىنالايمىز. لېكىن بىز ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ قالغاندا قانداق قىلىمىز؟، چۈنكى ئۇنداق ھالەتتە ئارىلىشىشتىن خالى بولغىلى بولمايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا پىتنە بولىشى ئېنىق، بىز قانداق قىلىمىز؟ ئۇلارنىڭ چاقىرىقىنى رەت قىلىمىزمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قىلىشىمىز زۆرۈر بولغان يېقىن كىشىلەر بار. ئاتا-ئانىمىز تەرىپىدىن بولغان تاغا تۇغقانلىرىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ يات ھېسابلىنامدۇ؟، ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ ياشىشى ئومۇملىشىپ كەتكەن مۇشۇنداق بىر جەمئىيەتتە بۇ قىيىنچىلىقتىن قانداق ساقلانغىلى بولىدۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن. لېكىن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئارىلىشىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىمىز. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلار توغرىسىدا توغرا كۆرسەتمە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟ ئاللاھ تائالا قىلغان خىزمىتىڭلار ئۈچۈن ياخشى مۇكاپات بەرسۇن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
يەر ئاستىدىكى قاراڭغۇ كامىرىغا سولانغان، قول-پۇتلىرى زەنجىر بىلەن كىشەنلەنگەن مەھبۇسلار ناماز ۋاقتىنى بىلمەيدۇ ۋە رامزاننىڭ قاچان بولىدىغان ياكى بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئۇلار ناماز بىلەن روزىنى قانداق قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
مېنىڭ ئوغلۇم ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، تىنچلىق شەكىلدە ئىلىپ بېرىلغان بىرقېتىملىق نامايىشقا قاتنىشىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. تۈرمە بىلەن بىز تۇرىۋاتقان جاينىڭ ئارىسى يۈز كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. مۇشۇنداق ھالەتتە ئۇلار تۈرمىدە نامازنى قەسىر ۋە جەملەپ ئوقۇسا توغرا بولامدۇ؟ بولۇپمۇ ئۇلار جۈمە نامىزى ئوقۇشتىن چەكلىنىدۇ، ئۇلار ئون نەچچە ئايدىن بىرى جۈمە نامىزى ئوقۇيالمىدى؟، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
بىر كىشىگە زۇلۇم قىلىنىپ، ھەقسىز تۇرمىگە تاشلانسا، شۇنداقلا تۇرمىدە ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىغان بولسا، مەھبۇس زۇلۇمغا چىدىماستىن سېرىتتىكىلەرنىڭ كۆيۈنۈشى ۋە ئۇنىڭغا قېلىنغان زۇلۇمنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى كۆزلەپ ئاچلىق ئېلان قىلىشى توغرا بولامدۇ؟، ئەگەر ئۇ مەھبۇس ئاچلىق ئېلان قىلغان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟، ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
مېنىڭ ئاچچىقىم تىز كېلىدۇ ھەتتا ئاچچىقتا ئىچىمدە، بۇنىڭغا سەۋەب بولغان كىشىگە بىر نەرسىلەرنى دەۋېرىمەن. تىنچلانغان ۋاقتىمدا، ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم سوراپ ئىستىغپار ئېيتىپ ئىككىنچى بۇنداق قىلماسلىق ئىرادىسىگە كېلىمەن. دىنىمىزدا باشقىلارنى تىللاشنىڭ ھاراملىقىنى بىلىمەن، بۇ ئىشىمنى ئۆزۈممۇ ياقتۇرمايمەن، ئۆز نەپسىمگە ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. ئاچچىقلانغان ۋاقتىدا باشقىلارنى تىللاپ سالغان كىشىنىڭ قانداق تەۋبە قىلىدىغانلىقىنى بىلگۈم كېلىدۇ، گەرچە ئۇ كىشى مېنىڭ تىللىغىنىمنى ئاڭلىمىسىمۇ، مەن ئۇ ئىشىمغا بەك ئەپسۇسلىنىمەن. ئۇ كىشىگە مېنىڭ ئۇنى تىللىغانلىقىمنى دېيىشىم كېرەكمۇ؟ ياكى ئۇ كىشى بىلەن ئارىمىزدا ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلماسلىق ئۈچۈن ئۆز ئىچىمدە ساقلاپ قالساممۇ بولامدۇ؟ بۇ خاتالىقىم ئۈچۈن سەدىقە قىلىۋەتسەم بولامدۇ؟ بۇ ئەيىپىمنى تۈگىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟. بۇ قىلمىشىمدىن قەتئىي قول ئۈزۈشنى ئارزۇ قىلىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ دۇئا قىلدىم ۋە قىلىۋاتىمەن، لېكىن مەن ھازىر ئىلگىرى ئاچچىقلانغاندا تىللىغان بىر كىشى ئۈچۈن تەۋبە قىلىشنى مەقسەت قىلىمەن. مېنىڭ ئاچچىقلانغاندا ئۇنىڭغا قىلغان بەددۇئايىمنى ئاللاھ تائالا ئىجابەت قىلامدۇ؟ مۇشۇنىڭ ئۈچۈن مەن قاتتىق بىئارام بولىمەن، نامازغا تۇرغان ۋاقتىمدا ھەسرەتلىنىمەن، مەن تەۋبە قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ تەۋبىسىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىشنى خالايمەن. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان ئەر خرىستىيان ئايالىنى دىنى بايراملارغا ئىشتىراك قىلىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ؟، ئۇ ئايال ئۇنىڭغا ياتلىق بولغاندا ئۆز دىنى ئېتىقادىدا قالغان ھالەتتە ئىدى. ئۇ ئايالنىڭ ئۆز ئېتىقادى بويىچە ئىبادەت قىلىشى چەكلىنەمدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
مەن بىر ئىسلامى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، مەكتەپتە بىز بىلەن بىرگە دانىيىلىك مۇسۇلمان بولمىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار، بىز ھەر يىلى كىرىسمىس بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر زالغا توپلىنىپ زىياپەت ئىلىپ بارىمىز، ھالال نەرسىلەردىن يېمەكنى ئۆزىمىز تەييارلايمىز، سورۇندا ئىچىملىك يوق، بىز كاپىرلارغا ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇ زىياپەتنى كىرىسمىس بايرىمىدىن بىر ئاي ياكى كۆپراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئىلىپ بارىمىز، بىز مۇسۇلمانلار يېمەكنى ئۆزىمىز تەييارلاپ مەزكۇر زىياپەتكە قاتناشساق توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
مەن شەرئى بىلىملاردىن تولۇق تەلىم ئالماستىن بەلكى تەۋھىد ئىلمىگە ئالاقىدارلىق بولغان؛ ئاللاھنىڭ ئىبادەتتە ھېچ شېرىكى يوقلىقى، پەرۋەردىگارلىقتا يەككە-يېگانىلىكى، گۈزەل ئىسىم ۋە ئېسىل سۈپەتلىرىدە تەڭداشسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەقىدە مەسىلىلىرىنى ياخشى ئۆگەندىم. ئۇنىڭدىن سىرت شەيخ ھاپىز ئەلھەكەمىينىڭ: «مەئارىجىل قەبۇل» ناملىق ئەسىرىدىكى تەۋھىدكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئۆگەندىم. ئاندىن كىيىن ئۇستازىمىز بىزگە ھەدىس ئاتالغۇلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى بىلىملەر ۋە ھەدىسلەرنى دەرسلىك قىلىپ بەردى. ئىمام نەۋەۋىينىڭ پىقھى كىتابلىرىدىن بەزى بابلارنى ۋە پەزىلەتلىك ئەمەللەرگە مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەرنى دەرسلىك قىلدىم. كېيىن ئۇستازىمدىن ئايرىلىپ، مەسچىتتە ئاياللارغا دىنى تەلىم بېرىشتىن ئىبارەت بولغان مۇھىم خىزمەتكە دۇچ كەلدىم، مەن مۇشۇ تۆۋەن سەۋىيەم بىلەن ئۇلارغا دەرس بەرسەم گۇناھ بولامدۇ؟، شۇنداقلا شەرئى دەرس بېرىشكە لايىق بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
مېنىڭ قىيىنچىلىقىم: مەن كىشىلەرنى ماڭا قاراپ كۈلۈۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلىمەن. بۇ ئىش مەن باشلانغۇچنىڭ 3-يىللىقىنى تۈگەتكەن كۈنى مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىپ كېتىۋاتقىنىمدا، ئالدىمدا كېتىۋاتقان بىر كىشىنىڭ خۇددى كۈلكىلىك بىر نەرسىگە قارىغاندەك ماڭا قاراپ كۈلۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم-دە، شۇ كۈندىن باشلاپ مەن بۇ تۇيغۇ باشلاندى. مەن ھازىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمەن، بۇ ئىشقا گىرىپتار بولغىنىمغا تولۇق يەتتە يىل بولدى. مەن ھەر قېتىم كوچىغا چىققاندا خۇددى ھەممە كىشى كۈلكىلىك بىر نەرسىگە قارىغاندەك ماڭا قاراپ كۈلۈۋاتقان ياكى تەبەسسۇم قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. مەن كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىگە سەۋەب بولىدىغان كىيىم-كېچەك كىيمەيمەن. ئۆيگە كېلىپ ئەينەككە قارايمەن ئەمما مەندە ھېچ كۈلكىلىك بىرنەرسە يوق. بۇ ئەھۋالنى ئاپامغا ئېيتسام، ئاپام ماڭا: سىزدە باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە سەۋەب بولىدىغان ھېچ ئىش يوق دەيدۇ. ھەمشىرىلىرىممۇ ماڭا تەبىئىى قارايدۇ. ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرلەر بولسۇن، مېنىڭ دىنى ئېتىقادىم ياخشى، نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىمەن، لېكىن مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن يالغۇزلۇقنى ياقتۇرىدىغان، كۆپىنچە مەسچىتكىمۇ بارمايدىغان بولۇپ قالدىم، شۇنداقتىمۇ ئۇرۇغ-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرىمنىڭ ھەممىسى مېنى ياخشى كۆرىدۇ. مەن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمىدىم. ئاللاھ تائالاغا كۆپ دۇئا قىلدىم. لېكىن، مەن ئۆزۈمدە غەلىتە بىر ئىش بارلىقىنى بىلمەيمەن. نىرۋامدىن كېتىپ قىلىشقا ئازقالدىم. ماڭا بۇ ھەقتە يول كۆرسىتىشىڭلارنى سورايمەن؟.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
پېشىن ۋە ئەسىر نامازلىرىدا تىلاۋەتنى ئىچىدە قىلىش، باشقا پەرز نامازلاردا تىلاۋەتنى ئاۋازلىق ئوقۇشتا مەلۇم بىرەر ھېكمەت بارمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلغان كىشىگە ئەجىر-ساۋاپ يېزىلىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن دەلىللەر بايان قىلىندى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ئوقۇغانغىمۇ ئەجىر-ساۋاپ يېزىلامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
ئاياللار سىرتقا چىققاندا باشقا يات ئادەملەرنىڭ كۆرۈشى ۋە پۇرىشى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئەتىر، زىبۇ-زىننەت، گۈزەللەشتۇرۇش بۇيۇملىرى ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
ئەگەر مەن سۈننەت ناماز ئوقۇۋاتقان چاغدا پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلسا، مەن نامازنى داۋاملاشتۇرامدىم ياكى سالام بېرىپ جامائەتكە قېتىلىپ پەرز ناماز ئوقۇيمەنمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.