سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز - پەتىۋالار
بۆلۇم سانى: 577
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
جىسمىمنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە بەدىنىمنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىمەن. مېنىڭ مەقسىتىم ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش. 1-ئاللاھ تائالاغا كۆپ ئىستىغپار ئېيتىش بەدەننى كۈچلاندۈرامدۇ؟، بىز قايسى ۋاقىتتا ۋە كۈنىگە قانچىلىق مىقداردا ئاللاھ تائالاغا ئىستىغپار ئېيتىشىمىز كېرەك؟. 2-بەدەننىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي كۈچىنى ئاشۇرىدىغان زىكىر-دۇئالار توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
نەپسىمنى ئىسلاھ قىلىدىغان توغرا يول ۋە ھىدايەتنى خالايمەن، لېكىن ئۇنى قولغا كەلتۈرەلمىدىم. نەپسىمنى توغرا يولغا يېتەكلەشكە ئۇرۇنسام، يامانلىققا بولغان قىزىقىشىم غالىپ كېلىدۇ، شەيتان گۇناھ-مەسىيەتنى ماڭا بويسۇندۇرۇپ بېرىدۇ، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
بەزى كىشىلەر ئىستىخارە نامىزى ئوقۇماستىن بەلكى قۇرئان كەرىمنىڭ مەلۇم بەتلىرىنى قارىماستىن ئىختىيار قىلىپ، ئاندىن تاللىغان بەتتىن ئۆزلىرىنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىغا ئىشارەت قىلىدىغان ئايەتنى ئىزدەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ مەزكۇر ئىش توغرىسىدا قارار بېرىدۇ. تۇرمۇش قۇرغان بىر قىزنى مىسالغا ئالساق، ئۇ قىزنىڭ يولدىشى ئۇنىڭغا كېرەكلىك بولغان ھەق-ھوقۇقنى تولۇق ئادا قىلمىغانلىقتىن ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە ياشاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېلىدۇ. قىزچاق يولدىشىدىن ئايرىلىشنى خالايدۇ، ئەمما قىزنىڭ ئانىسى قۇرئان كەرىمنى ئىلىپ ئۆزى تاللاپ بىر بەتنى ئاچىدۇ، ئۇ بەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئانىسىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىغا خىتاب قىلىپ: «مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى: مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ، ئۇنى (ساندۇققا سېلىپ) دەرياغا (يەنى نىل دەرياسىغا) تاشلىغىن، ئۇنى ھالاك بولارمىكىن دەپ قورقمىغىن» دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ، بۇ ئايەتتىن ياخشى پال ئىلىپ، قىزىم يولدىشىنىڭ ئۆيىگە قايتىشى لازىم دەپ قارىغان. بۇ ھەقدە چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
ئىنسان تەۋبىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ناھايىتى جۇشقۇن-كۈچلۈك ھالەتتە: شەيتان مېنى سۇسلۇققا بۇيرۇيدۇ دەپ، تائەت-ئىبادەتنى زىيادە قىلىدۇ. ئاندىن ھىممەت-ئىرادىسى بوشاپ، «ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ» دەيدۇ-دە، تائەت-ئىبادەتتە سۇسلىشىپ يەنە ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىدۇ. مېنىڭ سورايدىغىنىم: بۇ توغرىدا قىلىنىدىغان نەسىھەت بارمۇ؟، تەۋبىدىن كىيىن ئەمەل-ئىبادەت قىزغىن باشلىنىشى كېرەكمۇ؟ ۋە ياكى تەدرىجى باشلىنىپ مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن مۇستەھكەملىشەمدۇ؟ ياكى شامال قايسى تەرەپكە ئۇچۇرسا شۇ تەرەپكە ئىغامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
ھۆر-پەرىلەرنىڭ قۇرئان-ھەدىستە بايان قىلىنغان سۈپەتلىرى قايسى؟. دۇنيادىكى سالىھە ئايالغا ئاللاھ تائالا جەننەتتىن ئورۇن بەرسە، ئۇ ئايالنىڭ جەننەتتىكى شەكلى ۋە سۈپىتى قانداق بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
ھامىلدار ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشى ئەۋزەلمۇ ياكى تۇتمىغىنىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
ئۆتكەن بىر قانچە يىللاردىن بىرى تۇتالماي قالغان پەرز روزىلىرىمنىڭ قازاسىنى ھازىرغىچە تۇتالمىدىم، چۈنكى مەن ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىم سەۋەبلىك روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايۋاتىمەن. قالغان روزىلىرىمنى كېيىنچە تۇتالايمەنمۇ ياكى تۇتالمايمەنمۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن، بەلكىم كېسىلىم داۋاملىشىشى مۇمكىن. روزا تۇتالمىغان ئىلگىرىكى كۈنلىرىمنىڭ روزىسى ۋە ھازىر كىلىدىغان رامىزاننىڭ روزىسىنى قانداق قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
رامزان ئېيىنىڭ كۈندۈزىدە چىش مىلىكىگە ئاغرىق پەسەيتىش مەلھىمى قويسام بولامدۇ؟ يەنە بىرى: مەن روزىدارلىق ھالەتتە چىشىمنى تارتقۇزۇش ئۈچۈن ئېغىز بوشلۇقۇم مەس قىلىنسا دۇرۇس بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
مەن ھازىر ئوتتۇز ياشقا كىردىم. بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى گەرچە ناماز ئوقۇپ تۇرىۋاتقان بولساممۇ ئەمما گۇناھ-مەسىيەتلەرگە چۆمۈپ كەتكەن ئىدىم. توي قىلغاندىن كېيىن تۇرمۇش ئىشلىرى بىلەن فرانسىيىگە باردىم ۋە بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدىم، بۇنىڭ چارىسىنى ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىش ئارقىلىق ھەل قىلدىم، شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلدىم. قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىشقا باشلىدىم، دىنى بىلىملەرنى ئۆگەندىم، يىل بويى نەپلە روزا تۇتىدىغان بولدۇم، نامازنى ئاساسەن مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئادا قىلىمەن. ھەتتا قىرىق كۈندىن ئارتۇق بولدى نامازنى جامائەت بىلەن بىرگە ئادا قىلىۋاتىمەن. ئاللاھ تائالاغا چەكسىز مەدھىيىلەر بولسۇن، بۇنىڭ نەتىجىسىدىن تۇرمۇش ئەھۋالىم ماددى-مەنىۋى تەرەپلەردىن ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، تائەت-ئىبادەتنى كۆپ قىلغانسىرى ماڭا كىلىدىغان ياخشىلىقلار يەنىمۇ زىيادە بولدى، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سۆزۈمنىڭ راسلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن. ھازىرقى مەسىلە، مېنىڭ تائەت-ئىبادەتتە تىرىشچانلىق قىلىشىم ئاخىرەت ئۈچۈنمۇ ياكى دۇنيالىق ئۈچۈنمۇ بۇنى بىلمەيمەن. مەسىلەن: سەدىقە قىلسام قىلغان سەدىقىنىڭ ساۋابنى ئۈمىت قىلىمەن، لېكىن شۇنداقتىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ماڭا بۇنىڭ ئورنىغا ھەسسىلەپ تولۇقلاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن. قەلبىمدە مەندە نىپاقلىق بارمۇ يوق؟، دەيدىغان بىر شەك-شۈبھە بار. بو تۇغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
سىڭلىمنىڭ يولدىشى كۆپ ئىش قىلمايدىغان، بېخىل، ئائىلە-بالىلىرىغا خىراجەت قىلىپ بەرمەيدىغان بىر كىشى. سىڭلىم مەمۇرىي كادىر بولۇپ، ئائىلىنىڭ بارلىق خىراجەتلىرىنى ئۇ قىلىدۇ. سىڭلىم ھازىر ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرى دىپلومغا ئېرىشىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى. ئەگەر دىپلوم ئالالمىسا خىزمەتتىن ھەيدىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئىقتىسادىدا قىيىنچىلىق يۈز بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن زاكىتىمنى سىڭلىمغا بەرسەم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
ئىپتارلىق تاماق تەييارلاشتا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش روزىنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋىتەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
مەن 14 ئايدىن بىرى ئىككىنچى دەرىجىدىكى شېكەر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم، كېسەلنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولغانلىقتىن "ئەنسولىين" ئىلىشقا ئېھتىياجلىق ئەمەس. مەن دورا ئىستىمال قىلمايمەن، قاندىكى شېكەر ماددىسىنىڭ ئۆرلەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يېمەك- ئىچمەككە دىققەت قىلىمەن ۋە ئازراق تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن مەشغۇل بولىمەن. ئۆتكەن يىلى رامزاندا بىر قانچە كۈن روزا تۇتتۇم لېكىن بەدىنىمدە شېكەر ماددىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن پەرز روزىنى تولۇق ئادا قىلالمىدىم، ئەمما بۇ يىل ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئۆزۈمنى خىلى ياخشى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن. ئەمما روزا تۇتقان ۋاقتىمدا بېشىمدا ئاغرىق پەيدا بولىدۇ. مەن مۇشۇ كېسەللىك ھالىتىم بىلەن روزا تۇتىۋېرىمەنمۇ؟. روزىدارلىق ھالىتىمدە قاندىكى شېكەر مىقدارىنى بىلىش ئۈچۈن بارماقتىن قان ئېلىنسا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
روزا تۇتقان كىشى قانداق ئىپتار قىلىدۇ؟، كۆپچىلىك كىشىلەر يېمەك-ئىچمەك بىلەن مەشغۇل بولۇپ ناماز شامنى كېچىكتۈرۈپ قويىدۇ، ئۇلاردىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇلار: تاماق ھازىر بولغاندا تاماق يەپ بولۇپ ناماز ئوقۇيمىز دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ سۆزى توغرىمۇ؟ چۈنكى ناماز شامنىڭ ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا، ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ دەسلەپتە خورما بىلەن ئېغىز ئىچىپ، شام نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ غىزالىنىش كېرەكمۇ؟ ياكى تاماقنى تولۇق يەپ بولۇپ ناماز ئوقۇش كېرەكمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
رامىزان كۈنلىرىدە ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش چەكلىنەمدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ئوكۇل يىڭنىسى ئارقىلىق ئىنسان بەدىنىدىن قان ئالسا روزا بۇزۇلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
ھاجەت ئادا قىلغىلى ھاجەتخانىغا كىرگەندە قان تامچىسىنى كۆردۇم. شۇنىڭ بىلەن ھەيز كۆرۈپ قالغان ئوخشايمەن دېگەن شەك پەيدا بولدى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەن ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتىۋىرىمەنمۇ ياكى قانداق قىلىمەن؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
روزىدار كۈندۈزدە بىرقانچە قېتىم يۇيۇنسا ياكى كۆپ ۋاقىت ھاۋا سوۋۇتقۇچنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ ئارام ئالسا توغرا بولامدۇ؟ چۈنكى ھاۋا سوۋۇتقۇچ نەملىك چىقىرىدىغان تۇرسا؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
ئاشقازاننى ئاپارات ئارقىلىق تەكشۈرتۈش روزىنى بۇزامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئاي كۆرۈلگەن بولسىمۇ، مەن خىزمەت قىلىۋاتقان دۆلەتتە شەبان(بارات ئېيى) ۋە رامىزاننى تولۇق 30 كۈن ھېسابلايدىكەن، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟. كىشىلەرنىڭ رامىزان ئېيى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا روزىنىڭ ساۋابى ئوخشاش بولامدۇ ياكى روزا تۇتقۇچىنىڭ تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىگە ئاساسەن پەرقلىق بولامدۇ؟. مەسىلەن: سوغۇق بەلۋاغ رايونىدا ياشايدىغانلار رامزاندا ئۇسسۇزلۇق-ئىسسىق ھېس قىلمايدۇ، ئەمما ئىسسىق بەلۋاغ رايونىدا ياشاۋاتقانلار بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ رامىزاندا ئىلىپ بارىدىغان ياخشى ئەمەللىرىدىن باشقا، تۇتقان روزىسىغا بېرىلىدىغان ساۋاب پەرقلىق بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.