معلومات المواد باللغة العربية
ئا.قارلۇقى - ماقالىلار
بۆلۇم سانى: 29
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
- ئۇيغۇرچە
بۆلۇم سانى: 29
«مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قانداق قارشى ئالىمىز؟» ناملىق بۇ ماقالىدا، ئۆزىنى مۇسۇلمان ساناپ يۈرگەن ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ رامىزاندىن ئىبارەت، بۇ ئىبادەت مەۋسۇمىنى قولدىن بەرمەسلىكى، ئىبادەتكە، خەير ـ ساخاۋەتكە ھېرىسمەن بولۇشى، ھەر قانداق بىر سالىھ ئەمەل بولسا باشلامچىلىق بىلەن گويا مۇسابىقىگە چۈشكەندەك بەسلىشىپ تۇرۇپ ئادا قىلىشقا تىرىشىشى لازىملىقى توغرىسىدا چۇشەنچە بىرىدۇ.
«رامىزاننى قانداق قارشى ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە لايىھەلەر» ناملىق بۇ ماقالىدا، قانداق قىلغاندا روھانىيىتىمىزنى تەربىيەلەيمىز؟ رامىزاندا ئائىلىدە ئىلىپ بىرىلىدىغان تەربىيە خاراكتىرلىق پائالىيەتلەر، مەسجىدلەرنىڭ رامىزاندىكى رولى...قاتارلىق بىر قىسىم مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
«روزا ھەققىدە دەسلەپكى چۇشەنچە» ناملىق بۇ ماقالە، روزا تۇتقۇچىلارنىڭ ئالدىن بىلىشى زورۇر دەپ قارالغان، روزىغا ئائىت بەزى مەسىلىلەر، روزىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى، روزىدىن مەقسەت نېمە ئىكەنلىكى، رۇزىنىڭ تەرىپى، رۇزىنىڭ پەزىلىتى ...قاتارلىق مەسىلىلەرنى رامىزاننىڭ كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھۆزۇرىغا سۇنۇلدى.
«ئىسلامدا ئەقىل ئۇقۇمى» ناملىق بۇ ماقالىدا، قەدىمكى ئىسلام ئالىملىرى ئەقىلنى تەبىئىي بار بولغان ئەقىل ۋە تەجرىبىلەر ئاساسىدا ئېرىشىلگەن ئەقىلدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا ئايرىغانلىقى.تەبىئىي بار بولغان ئەقىل ئىدراك، چۈشىنىش، ئىشلارنى تەبىئىيلا ياخشى ئورۇنداش قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارنى كۆزدە تۇتقانلىقى توغرىسىدا بولۇپ،مانا بۇ ماقالىمىزنىڭ تۈپ تېمىسى.
«ئاياللارنىڭ جەننەتتىكى ئەھۋالى»ناملىق بۇ ماقالىدا، جەننەتنىڭ مەھرى ھەققى چېكىدىن ئاشقان باتىل ئارزۇ- ئارمانلار بولماستىن بەلكى ئىمان، ياخشى ئەمەللەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئايال كىشى بەش ۋاخ نامىزىنى ئوقۇغان، رامىزان روزىسىنى تۇتقان، ئىپپىتىنى ساقلىغان ۋە ئېرىگە بويسۇنغان بولسا، ئۇنىڭغا: جەننەتنىڭ قايسى ئىشىكدىن كىرىشنى خالىسىڭىز، شۇ يەردىن كىرىڭ، دېيىلىدۇ» دېگەن ھەدىسىنىڭ روھى بىلەن تەپسىلى چۈشەنچە بىرىدۇ.
«كېمىكى ئاللاھ يۇلىدا بىر نەرسىدىن ۋاز كەچسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشىسىنى تولۇقلاپ بىرىدۇ» ناملىق بۇ ماقالىدا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن دىندا چەكلەنگەن ئىشلاردىن ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭدىن قول ئۇزسە ئاللاھ ئۇنىڭ بارلىق مۇشەققەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سائادەتكە ئىرىشىدىغانلىقىنى 20 نۈقتىغا يىغىنچاقلاپ بايان قىلىدۇ.
«ئىسلامدا ئاياللارنىڭ ئورنى» بۇ ماقالىدا ئاياللار ھاياتتا ئىززەت- ئىكرامغا ئىرىشىش ئۈچۈن ئەسلىيىتىگە قايتىشى لازىملىقى. بىراق، دىن دۈشمەنلىرى دائىم ئىلىمنى يالىڭاچلىقتىن، مەدەنىيەتنى ئۆزلۈكتىن تېنىشتىن ئايرىغىلى يول قويمايدىغانلىقى، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى خۇنۇكلەشتۈرۇش ئۈچۈن ھەر دائىم بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى باغلاشقا تۈرلۈك ۋاستىلارنى قوللىنىدىغانلىقى جانلىق مىساللار بىلەن ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىلگەن.
«بارات كېچىسى توغرىسىدا»ناملىق بۇ ماقالە بىدئەت ۋە ئۇنىڭ خەتىرى توغرىسىدا بولۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بەزىلىرىدىن بۇ ئايدا يۇز بېرىدىغان بىر قىسىم خاتا كۆز قاراش ۋە بىدئەت پائالىيەتلەرگە قۇرئان ھەدىسنىڭ روھى بىلەن، شۇنداقلا ئاتالمىش «بارات كېچىسى» توغرىسىدا ئوقۇرمەنلەرگە قىسقىچە چۇشەنچە بىرىدۇ.
ئاپتور ئەسىرىدە ئۇيغۇر توربەتچىلىكىدە يۈز بىرىۋاتقان دىنى ئېتىقاد، مىللى غۇرۇر، ئىنسانىي ئەخلاققا زىت بەزى بىر ئەھۋاللارنى ئىچىپ بېرىش بىلەن بىرگە، توربېكەت ساھىبلىرى ئۇستىدىكى دىنى ۋە مىللى بۈرچلىرىنى ئېسىگە سالىدۇ. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى دىنى زىيالىيلارنىڭ ئاللاھتىن قورقۇپ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن خىزمەت قىلىشى ۋە ئۆز-ئارا ھەمكارلىق تۇرغۇزۇش ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ دىنى بىلىملەرگە بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ جىددى تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى قۇرئان ۋە ھەدىس نۇرى ئاستىدا ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.