بۆلۇم سانى: 55
6 / 9 / 1436 , 23/6/2015
رامىزان ۋە قەلبنى پاكلاش ناملىق بۇ ئەسەردە، رامىزان ئېيى قەلبنى پاكلاش، گۇناھ-مەئسىيەتتىن قول ئۇزۇش ئۈچۈن ئالتۇن پۇرسەت ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يىقىن قەلب: ساغلام ۋە پاك، رەببىدىن ھەرۋاقىت ھايا قىلىدىغان قەلب ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى قىسقىچە بايان قىلىپ بېرىدۇ.
رامىزان ۋە دۇئا ناملىق بۇ لېكسىيەدە، دۇئانىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ پايدىلىرى، روزا بىلەن دۇئانىڭ ئالاقىسى، رامىزان ئېيى ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ تائالادىن ھاجەتلەرنى يالۋۇرۇپ سورايدىغان، شۇنداقلا دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا ئەڭ يىقىن مۇبارەك ۋاقىت ئىكەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.
28 / 8 / 1436 , 16/6/2015
رامىزاننى قانداق ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك؟ ناملىق بۇ ئەسەردە، مۇسۇلماننىڭ رامىزان ئېيىدا ئەھمىيەت بېرىشكە تىگىشلىك بولغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا قىسقىچە بايان قىلىپ بىرىدۇ.
21 / 8 / 1436 , 9/6/2015
رامىزان ۋە سەدىقە ناملىق بۇ ئەسەردە، رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى، روزا بىلەن ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلىشنىڭ چىن ئالاقىسى، سەدىقە بېرىشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولىدىغان ئەجىر ساۋاپلارنى قۇرئان -سۈننەت نۇرى ئاستىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىدۇ.
رامىزان ۋە كېچە نامازلىرى ناملىق بۇ ئەسەردە، كېچە نامازلىرىنىڭ پەزىلىتى ۋە رامىزان ئېيىدا نەپلە نامازلارغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مۇھىملىقى، ئۇ بولسا سالىھ كىشىلەرنىڭ ئىبادەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرىنىڭ شەنى ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
14 / 8 / 1436 , 2/6/2015
رامىزان ۋە قۇرئان كەرىم نامىلىق بۇ ئەسەردە، قۇرئان كەرىم نازىل بولغان بۇ مۇبارەك ئايدا مۇسۇلمان پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ قۇرئان كەرىم ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، شۇنداقلا قۇرئان ئېيى بولغان رامىزان سەۋەبلىك قۇرئان كەرىم بىلەن چىن ئالاقە باغلاشقا تېرىشىشىنىڭ زورۇرلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
رامىزان ۋە تەۋبە ناملىق بۇ ئەسەردە، مۇسۇلمان ئۈچۈن گۇناھلاردىن تەۋبە قىلىشقا رامىزان ئېيىنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكى، تەۋبىنىڭ شەرتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا قىسقىچە بايان قىلىپ بېرىدۇ.
13 / 8 / 1436 , 1/6/2015
چىن يۈرەكتىن رامىزانلىق كەلىمە ناملىق بۇ ئەسەردە، رامىزان ئېيى نەپىسنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن تىپىلماس بىر پۇرسەت ئىكەنلىكى، مۇسۇلمان بۇ مۇبارەك ئايدىن ئۆنەملىك پايدىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىدۇ.
شەئبان ئېيىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ناملىق بۇ ئەسەردە، شەئبان ئېيىدا نەپلە روزا تۇتۇشنىڭ ياخشى كۆرۈلىدىغانلىقى، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ئايدا نەپلە روزىنى كۆپ تۇتۇشىدىكى ھېكمەتلەرنى قىسقىچە بايان قىلىپ بېرىدۇ.
بۇ لېكسىيەدە رامىزاندا يېمەك -ئىچمەككە مەجبۇرلانغان روزىدار قانداق قىلىشى كېرەك؟ دېگەن مەسىلە قۇرئان ۋە سۈننەت روھى ئاستىدا مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ كۆزقاراشلىرى بىلەن روشەن بايان قىلىنىدۇ.
29 / 6 / 1436 , 19/4/2015
تىلنى ساقلاش ۋە سۈكۈت قىلىشنىڭ پەزىلىتى ناملىق بۇ ئەسەردە، تىلنى يامان سۆز ۋە ئەزىيەتلەردىن ساقلاشنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتىكى ئەھمىيىتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولغان ياخشى تەسىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىدۇ.
19 / 6 / 1436 , 9/4/2015
غەيۋەت ۋە ئۇنىڭ خەتىرى ناملىق بۇ سىن-ئالغۇدا غەيۋەتنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولغان يامان تەسىرى ۋە ئۇنىڭ شەرئى ھۆكمى قاتارلىقلارنى قۇرئان ۋە سۈننەت روھى ئاستىدا قىسقىچە بايان قىلىپ بېرىدۇ.
7 / 6 / 1436 , 28/3/2015
ئىسلامدا قېرىنداشلىق ناملىق بۇ سىن-ئالغۇدا ئىسلامى قېرىنداشلىق ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى، مۇسۇلمانلار ئارا دوستلۇق ۋە ئۇنى چىڭىىتىدىغان مۇھىم ئامىللار توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىدۇ.
21 / 11 / 1433 , 7/10/2012
"ھەج ۋە ئۆمرە توغرىسىدا دەرسلىك" ناملىق بۇ فېلىمدا ھەج ۋە ئۆمرىنىڭ پەرز ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرى، ئىھرامدا چەكلەنگەن ئىشلار قاتارلىق ھەج ۋە ئۆمرىگە ئالاقىدار بولغان بارلىق ئەھكاملارنى قۇرئان سۈننەتنىڭ روھىغا ئۈيغۇن ھالدا چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ.
8 / 4 / 1433 , 2/3/2012
نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈش توغرىمۇ خاتامۇ؟، مەنمۇ باشقىلاردەك بۇ كۈندە بايرام قىلىمەن، ساۋاقداشلار ۋە كەسىپداشلار بىرگە جەم بولۇپ زىياپەت قىلىشىمىز، نورۇزنى مۇشۇنداق تەبرىكلىسەك توغرا بولامدۇ؟ نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۇشكە ئىسلام دىنى قانداق قارايدۇ؟ مەزكۇر بايرامنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.