مەن ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن، ئاڭلىمايدۇ، بەدىنى تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىدۇ دەپ ئويلايتتىم. لېكىن قەبرە ئازابى بارلىقى توغرىسىدا ھەدىسلەرنى كۆردۈم، بۇ دېگەنلىك ئىنسان ئۆلگەندىن بەدەن سېزىمچانلىقىنى يوقاتمايدۇ دېگەنلىكمۇ؟ قۇرئان كەرىمدە شېھىتلەر ئۆلمەيدۇ دېيىلگەن. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ جەھىل، ئۇمەييە ۋە باشقا كاپىرلارنىڭ جەسەتلىرىگە خىتاپ قىلغاندا، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب: ئۆلۈكلەر قانداق ئاڭلىيالايدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ گەپنى ئاڭلايدىغانلىقى ئەمما جاۋاب قايتۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، مېنىڭ زېھنىمدا چۈشىنىكسىز بولغان بۇ سوئاللارغا تەپسىلى جاۋاب بېرىشىڭلارنى سورايمەن.