كاتوگۇرىيە تۈرى

معلومات المواد باللغة العربية

Calling to Allah's Religion

بۆلۇم سانى: 14

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    «ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرلۇق ھاياتى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ياشلىق دەۋرى، ئۆز قەۋمىنى ھىدايەتكە چاقىرىشى ۋە بۇتلارنى چىقىپ تاشلىشى، ئۆز قەۋمى بىلەن ئىلمى مۇنازىرە قىلىشى، ئاللاھنىڭ ئۇنى دوستلۇققا تاللىشى ۋە ئېغىر سىناقلار بىلەن سىنىشى، ئاللاھقا بولغان چەكسىز ئىتائەتمەنلىكى، ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بەيتۇللاھنى بىنا قىلىشى ۋە زېمىندا تەۋھىدنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئاساس سېلىشى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    «ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى، ياشلىق دەۋرى، ئۆز قەۋمىنى ھىدايەتكە چاقىرىشى، ئاللاھنىڭ ئۇنى ئۆز دەرگاھىغا كۆتۈرۈشى، ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى باتىل كۆز قاراشلارغا قۇرئان ۋە سۈننەتتىن دەلىللىك جاۋاپ بېرىش بىلەن بىرگە، خىرىستىئانلارنىڭ كىتابلىرىدىكى زىتلىقلارنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلاھ بولماستىن بەلكى بىر ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىم؟» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە كېلىپ چېقىشى، دۇنياغا كېلىشى ۋە ۋەھيى چۈشۈشتىن ئىلگىرىكى ھاياتى، ئەخلاقى ۋە پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىنكى دىنى تەشۋىقات پائالىيەتلىرى، ھىجرەت ۋە غازاتلىرى، دىن تارقىتىش يولىدا تارتقان ئەزىيەتلىرى ۋە سەۋرچانلىقى، ۋاپاتى قاتارلىق ئۇ زاتنىڭ ھاياتىغا ئائىت ئىشەنچىلىك مەلۇماتلار mp3 پورماتى بىلەن ھوزۇرۇڭلاردا.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    لېكتور : مۇھەممەد ئابدۇللاھ قارى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «قانداق قىلسام تاھارەت ۋە نامازنى ساغلام ئادا قىلالايمەن» ناملىق بۇ لېكسىيە، نامازنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە ئىنسان ھاياتىغا بولىدىغان تەسىرى، نامازنى قەستەن تەرك قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى، تاھارەت ئىلىش ۋە نامازنى توغرا ئادا قىلىش قاتارلىق، نامازغا ئائىت مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    لېكتور : ئابدۇرىشىت مەخدۇم ھاجىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    نامازنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى، بۇ لېكسىيە مەرھۇم ئابدۇرىشىت مەخسۇم ھاجىمنىڭ جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ لېكسىيەدە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى توغرىسىدا قىسقا چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە، نامازنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە ھېكمىتى ھەققىدە نوختىلىق توختىلىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    لېكتور : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئىبادەت بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە ئەخلاق ھەققىدە ئومۇمى چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە، گۈزەل ئەخلاقنىڭ شەرئىي ئىبادەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى، ئەخلاقنىڭ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتىكى رولى، مۇسۇلمان رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنى ھاياتىدا ئۆرنەك قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلارنى ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    لېكتور : مۇھەممەد ئۇيغۇر تىلاۋەتى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «زاكات ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى» ناملىق بۇ لېكسىيە زاكاتنىڭ ئەھمىيىتى، ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەت، زاكاتنىڭ روھ ۋە ئەخلاق، ئىجتىمائىي جەمئىيەت ، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە رولى، زاكاتنىڭ شەرتلىرى ۋە نىساۋى، زاكاتنىڭ كىملەرگە بېرىلىدىغانلىقى، زاكات ئايرىمىغۇچىلارنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى قاتارلىق، ئىقتىسادى ئىبادەت ھېسابلىنىدىغان زاكاتقا دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    لېكتور : مۇھەممەد ئۇيغۇر تىلاۋەتى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «دەۋەتنىڭ ئەھمىيىتى، دەۋەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە رولى» ناملىق بۇ لېكسىيەدە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاللاھدىن يىراقلاپ كېتىش، دىنى ئېتىقادتىن سۇسلىشىش، ئەخلاقى، سىياسى، ئىجتىمائىي، ئائىلە ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە يۇز بىرىۋاتقان زالالەت يوللىرى، خۇددى جەمئىيىتىمىزدە دىنى ھەقىقەتپەرۋەر دەۋەتچى زىيالىلار يوق بولۇپ كەتكىنىدەك، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان دەۋەتچىلىك ئىشلىرىدا زور دەرىجىدە چېكىنىشنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە دىنى زاتلارنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونىمايۋاتقانلىقى، دەۋەت مىللەتنى ئىسلاھ قىلىشتا تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    «تەڭداشسىز ھەقىقەت» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە ھەقىقەتنىڭ زامان ۋە ماكان ئايرىماستىن ئۈستۈنلۈك شەرىپىگە نائىل ئىكەنلىكى، ساغلام ئەقىدە بىلەن شەرەپلەنگۈچىلەر ھەقىقەتتە مۇستەھكەم تۇرۇشى ۋە پەخىرلىنىشى لازىملىقى، مۇسۇلماننىڭ ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ دىنى تەشۋىقاتىنىڭ ئەۋۋەلقى باسقۇچلىرىدا ئۆز قەۋمى تەرىپىدىن ئۇچرىغان تىراگىدىيىلىك ۋەقەلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلىرىنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنى تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    «كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، ئىسلامدا ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھى، ئىسلامدا ئىنسان ھەقلىرى پرىنسىپى ساغلام ئەقىدىنى ئۆلچەم قىلىدىغانلىقى، ئىسلامدا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئومۇمىي تۈرلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلارنىڭ ھاكىمىيەت دەۋرىدىن مىساللارنى كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرنەك ئېلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا توختىلىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    لېكتور : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئىسلامدا رەھىم-شەپقەت پرىنسىپى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە رەھىم-شەپقەت ئالى جاناپلىقنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكى، مۇسۇلماننىڭ رەھىم-شەپقەت بىلەن ئەخلاقلىنىشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، رەھىم-شەپقەتتە رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى، ئىسلام دىنىنىڭ رەھىم-شەپقەتتە باشقا دىن ۋە ئىدىلوگىيەلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقى، مۇسۇلمان ھاياتىنىڭ ئومۇمى قاتلىمىدا رەھىم-شەپقەتنى ئۆلچەم قىلىپ ياشاش ئارقىلىق قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ رەھىم-شەپقەت قىلىشىنى قولغا كەلتۇرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۇھىم مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلاردا.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    لېكتور : مۇھەممەد ئۇيغۇر تىلاۋەتى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «تەقۋالىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادىتى» ناملىق بۇ لېنتىدا، تەقۋالىقنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقى چۇشەنچىسى، ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىغا كورسىتىدىغان تەسىرى، ئۇنىڭ بىلەن مۆمىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقى ۋە نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ تەقۋالىق بىلەن زېچ مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن ئىسپاتلاپ بايان قىلىپ بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    لېكتور : مۇھەممەد ئۇيغۇر تىلاۋەتى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «رامىزان ئېيى مۇبارەك ئايدۇر» ناملىق بۇ لېنتىدا رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى، رامىزاندا خالىس ئاللاھ رىزالىقىنى ئۆمۈت قىلىپ ، ۋاقىتلىرىنى ناماز ۋە قۇرئان ئوقۇشقا ئوخشاش ئىبادەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلار ئۈچۈن، ئەۋۋەلقى 10كۈنلىرىنىڭ رەھمەت،ئوتتۇرىدىكى 10 كۈنلىرىنىڭ مەغپىرەت، ئاخىرقى 10 كۈنلىرىنىڭ دوزاختىن ئازات بولىدىغان ئاي ئىكەنلىكى، قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى، رامىزان ئېيىدىن كىيىنمۇ ، ئۇ ئايدا ھاسىل قىلىنغان پەزىلەتلەرنى داۋاملىق چىكىنمەستىن تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا قۇرئان ھەدىسگە تايىنىپ تەپسىلى چۇشەنچە بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    لېكتور : كىرەم قاري تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    بۇ لېنتا مەشھۇر دىنى ئىسلىھاتچىلىرىمىزدىن بولغان دەۋەتچى كىرەم قارىمنىڭ سوزلىگەن لېكسىيەسى بولۇپ قانداق قىلغان ۋاقتىمىزدا ئىمانىمىز مۇستەھكەم بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئاللاھغا تولۇق ئىمان ئېيىتقان بولىمىز؟ رۇھانىيىتىمىز بىلەن مەۋجۇدېيىتىمىز قانداق قىلغاندا بىرىكىدۇ؟ ، دىگەن مەزمۇندا شەرئى ۋە ئەقلى دەلىللەر بىلەن ئاڭلىغۇچىلارغا چۈشۈنۇشلۇك قىلىپ يورۇتۇپ بىرىدۇ. قېنى مەرھەمەت ئاڭلاپ ھۆزۇرلىنىڭ!