كاتوگۇرىيە تۈرى

معلومات المواد باللغة العربية

Islamic Jurisprudence

بۆلۇم سانى: 22

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش ئۈسۈلى ناملىق بۇ ئەسەردە، ئاپتور رەسۇلۇللاھنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇلىنى، تەكبىردىن تارتىپ تا سالام بەرگەنگە قەدەر ئېخچام ۋە چۈشۈنۈشلىك قىلىپ بايان قىلىپ بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    بەختلىك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن پايدىلىق چارىلار ناملىق بۇ ئەسەردە، كىمكى ھاياتىدا بۇنى تەتبىقلىسا گۈزەل ھايات ۋە كەڭرىچىلىك تۇرمۇشقا ئېرىشسە، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلەرنىڭ ھاياتى ئۈمىدسىزلىك ۋە ئىزتىراپلىق ئىچىدە ئۆتۈدىغانلىقىنى قۇرئان ۋە سۈننەت روھى ئاستىدا روشەن بايان قىلىپ بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : مۇرشىدە ئۇيسال خانىم تەرجىمە قىلغۇچى : ئا.مەجىد تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «دىنىمنى ئۆگۇنىمەن» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ئەسەر سۇرەتلىك كىتاپ بولۇپ، بالىلار تىلى بىلەن ياش ئوسمۇرلەرنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى چۇشەنچىسىنى يىتەكلەشتە تۈرتكۈلۇك رول ئوينىغۇسى.بۇ كىتاپ 2 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،1-قىسمىدا، ئىماننىڭ ئاساسلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا تەپسىلى ۋە قىزىقارلىق ھىكايىلەر، سوئال-جاۋاپ ئۇسلۇبى بىلەن ئوسمۇرلەر چۇشەنچىسىگە ماس ھالدا بايان قىلىنىدۇ.2- قىسمىدا، ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئوسمۇرلەرگە تەلىم بىرىش مۇھىم دەپ قارالغان دىنى ئەھكاملارنى سوئال-جاۋاپ شەكلىدە ۋە قىزىقارلىق بالىلار ھىكايىلىرى بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار ناملىق بۇ رىسالىدە، رامىزان روزىسى ۋە نەپلە روزىلارغا دائىر بولغان بارلىق ئەھكاملار، روزىنىڭ ۋاجىب ۋە شەرتلىرى، سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىرى، تەراۋىھ نامىزى، ئېتىكاپ ۋە سەدىقە پىتىر قاتارلىق رامىزان ئېيىدىكى مۇھىم ئەمەللەرنى قۇرئان سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھالدا تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    «دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار» ناملىق بۇ كىتابچىدا، ئاپتور ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ۋە يولغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلىلەرنى، كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىنىڭ قولايلىق بولىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان218 سوئال ۋە جاۋابنى، سوئال-جاۋاب شەكلىدە تەييارلاپ ھۆزۈرۈڭلارغا تەقدىم قىلدى.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : مۇپتى مۇھەممەد كىپايىتۇللاھ تەرجىمە قىلغۇچى : ئەبۇ ئالىيە تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئىسلام تەلىماتى» بۇ ئەسەر كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ چۈشۇنىشى قولاي بولسۇن ئۈچۈن سۇئال - جاۋاپ ئۇسلۇبى بىلەن تەييارلانغان بولۇپ، ئىنسان ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان بەزى بىر مۇھىم مەسىلىلەرنى، مەيلى ئۇ ئەقىدىگە ئائىت ۋەياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پىقھى مەسىلىلەرگە ئائىت بولسۇن قۇرئان ۋە ھەدىسگە تايانغان ئاساستا، ئۇ مەسىلىلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئۈچۈق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : ھەسسان ئىبنى سابىت تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئوسمۇرلەر ئۈچۈن دەسلەپكى ئىسلام تەلىماتى» ناملىق بۇ ئەسەر، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ، ئېتىقاتلىق، بىلىملىك، ئەدەپلىك ۋە غەيرەت شۇجائەتلىك ، ئىمانى ۋە ئىنسانى پەزىلەت بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە تۇرتكە بولغۇسى، ئۇنىڭغا قانداق تەربىيەلەرنى بىرىشىمىز ، نىمىلەرنى ئۈگۈتۇشىمىزنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا ئوسمۇرلەرنىڭ ئېڭىغا ماس ھالدا، قۇرئان ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ چۇشۇنۇشلىك قىلىپ بۇ ھەقتە يوليورۇق بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : دوكتۇر ئىبراھىم سارىچام ئاپتور : سەۋگى قارا بۇلۇت ئاپتور : سۇئاۋى كامال يازگىچ تەرجىمە قىلغۇچى : ئا.مەجىد تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز» ناملىق بۇ ئەسەر سۆيۇملۇك ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، پەيغەەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كىلىشى، ئائىلە كىلىپ چىقىشى، ئوسمۇرلۇك دەۋرى، پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى ھاياتى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى، ئەخلاقى، سەۋىرچانلىقى،كەمتەرلىكى، ئىنسانپەرۋەرلىكى...قاتارلىق پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىغا ئائىت، ياش ئۆسمۇرلەرنىڭ بىلىشى زورۇر دەپ قارالغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : ھۇسەيىن ئەلئەۋايىشە تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇلئەھەد ئابدۇلكەرىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «غەيۋەت ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائى جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى»ناملىق بۇ كىتاپتا، غەيۋەتنىڭ ئىنسان ھاياتىغا ۋە كىشىلىك جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان يامان تەسىرى، ئىنسان ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلىشىدىكى ئاساسلىق باسقۇچ ئىكەنلىكى، ئىسلام دىنىمىزدا قاتتىق چەكلەنگەن قىلمىشلىقى، غەيۋەتخور دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇ، رەزىل قىلمىشى ئۈچۈن تىگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ھەدىسگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بايان قىلىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : ئابدۇلئەھەد ھاپىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : ئوبۇلقاسىم ئەھمەدىي تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : ئەھمەد توختى قارىھاجىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : ياسىن ئابدۇلھەكىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : ئابدۇلرەززاق قارىم The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com

    بەدەل ھەجنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى ناملىق بۇ ئەسەردە، ئاپتور ھەج ۋە ئۆمرە ئىبادىتىنىڭ پەزىلىتى، بەدەل ھەجنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرىنى بايان قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، شۇنداقلا ئۇيغۇر ھاجىلىرى ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان بەدەل ھەج تىجارىتىنىڭ يىلدىن-يىلغا راۋاجلىنىشى، ئىبادەتنىڭ مىللىتىمىز ئارىسىدا تىجارەتكە ئايلىنىشى قاتارلىقلارنى قۇرئان- ھەدىسنىڭ نۇرى ئاستىدا مەزكۇر مەسىلىنىڭ خەتىرىنى روشەن بايان قىلىپ بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    «ھەج قوللانمىسى» ناملىق بۇ ئەسەردە، ھەج ۋە ئۆمرە، زىيارەت قاتارلىق ئىبادەتلەرگە ئالاقىدار بولغان بارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : شەيخ ئابدۇلھەمىد مەھمۇد تاھماز تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد ئابدۇللاھ قارى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفى فىقھىسى» ناملىق بۇ كىتاب، دىنىي ھاياتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ دىنىي چۈشەنچە ۋە مېتودلىرىغا كۆرە ئورۇندايدىغان خەلقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر مەنبە ھېسابلىنىدۇ. گەرچە خەلقىمىز ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ كۆرسەتملىرىگە ئاساسەن دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە نىسبەتەن تولۇق شەكىلدە يېزىلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر پارچە فىقھى كىتابى يوق ئىدى. جانابى ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە خەلقىمىزنىڭ دۇئاسى سايىسىدا ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى بۇ كىتابنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە كۈچ چىقاردى. بۇ ئەسەر 4000 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 5 توم، كىتابنىڭ 1- قىسمى: ئىبادەتكە دائىر مەسىلىلەر. 2-قىسمى: كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر. 3-قىسمى: قانۇن ۋە ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر. 4-قىسمى: مۇئامىلە ۋە ئېلىم-بېرىمگە ئائىت مەسىلىلەر. 5-قىسمى: تۇرمۇشتا كۆپ ئۈچرايدىغان ھەر-تۇرلىك فىقھى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    «ئائىلە تەربىيەسى»ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتۇر ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىن ۋە ئەخلاقتىن يىراق بەزى بىر ناچار قىلمىشلارغا دىئاگۆنز قويۇش بىلەن بىرگە، ئۇ ئىللەتلەرنى ئىسلاھ قىلىشتا يەنىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇرۇتكۈلۇك رول ئوينايدىغانلىقى،خۇسۇسەن ئەركىشىنىڭ ،ئايالى ۋە قىزلىرىنى تەربىيەلەشتىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ ئىغىرلىقى، دىنى تەشۋىقات ۋە ئۇنىڭ ئىسلاھات ئىلىپ بىرىش يولىدىكى رولى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : ئا.ئابدۇرەھمان خاقانى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئائىلىدىكى تەربىيە مەنبەسى» بۇ ئەسەر ئائىلىدە پەرزەنتلىرىمىزگە ئىسلامى تەربىيەنى قانداق ئىلىپ بېرىش توغرىسىدا بىر نەچچە مۇھىم نۈقتىلارنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.1-ئىمانى تەربىيەگە چاقىرىش 2- ئەخلاقى تەربىيەگە چاقىرىش 3- نەپسى تەربىيەگە چاقىرىش 4- ئىجتىمائىي تەربىيەگە چاقىرىش 5- جىسمانى تەربىيەگە چاقىرىش 6- دىندا بىلىش مۇھىم دەپ قارالغان ئەھكاملارنى ئۆگۇتۇشكە چاقىرىش 7- ياخشىلىققا بۇيرۇپ ، يامانلىقتىن توسۇش ئىددىيسىگە يېتەكلەشكە چاقىرىش.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى» بۇ قوللانما ھەج ۋە ئۆمرە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان كىتاپلارنىڭ بىرىدۇر.ھەج مەۋسۇمىنىڭ يېقىنلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەج ۋە ئۆمرە پائالىيىتىنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا تاماملىشىنى كۆزدە تۇتۇپ تور بېكىتىمىزدە بۇ قوللانمىنى ئېلان قىلدۇق. بۇ قوللانمىدا، ھەج ۋە ئۆمرىنىڭ پەرز ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرى، ئىھرامدا چەكلەنگەن ئىشلار ، ھەج ۋە ئۆمرىگە ئائىت ئەھكاملارنى قۇرئان سۈننەتكە تايانغان ھالدا چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەش ئۇسۇلى» ناملىق بۇ ئەسەردە، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىغا تاپشۇرۇلغان ئامانەت ئىكەنلىكى، ئۇلارنى ساغلام يېتەكچى بولالايدىغان ئىسلام تەربىيەسىدىن ئىبارەت، بۇ بۈيۈك يېتەكچى بىلەن تەربىيىلەش كېرەكلىكى، شۇنداق قىلغىنىمىزدا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىگە تەۋرەنمەس ئۈل ھازىرلىغان بولىدىغانلىقىمىز ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلغان بولىدىغانلىقىمىزنى قۇرئان ۋە ھەدىسگە تايىنىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    «ئاياللار ئۈچۈن مۇھىم پەتىۋالار» ناملىق بۇ كىتاپتا، شەرىئەت، ئىجتىمائى تۇرمۇش، پىسخىك ۋە كىشىلىك جەمىيەت قاتارلىق ساھالەرگە چىتىلىدىغان ئاياللارغا ئائىت مەسىلىلەرگە، داڭلىق ۋە ئىشەنچىلىك دىنى ئۆلىمالارنىڭ بەرگەن پەتىۋالىرى ۋە ھۆكۈملىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتاپچە ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىغا، بەزى مۇھىم مەسىلىلەردە ياردەمچى بولغۇسى.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «پەيغەمبەر تىبابىتى»ناملىق بۇ ئەسەردە، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىبابەتكە ئائىت مەيلى قۇرئان ئايەتلىرى بولسۇن ۋە ياكى ئۆزىنىڭ سوزلىرى بولسۇن، ئۆزى داۋالىغان ۋە دىئاگىنوز قويغان ۋە ياكى داۋالىنىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بەرگەن قاتارلىقلارنى ئىسلام شەرىئىتىدىكى سەھىيە كۆز قاراشلىرى بىلەن ئىلمى ئاساستا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    « نىجاتلىق يولى» ناملىق بۇ ئەسەر مەرىپەتپەرۋەر دىنى زات ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ھاپىز قاراجىم تەرىپىدىن مۇھەممەد ئىبنى سالىم ئىبنى ھۇسەيىن ئەلبەيھانى نىڭ «جەمىيەتنى ئىسلاھ قىلىش»دىگەن شۇ ناملىق ئەسىرىگە ئاساسلىنىپ ئوزگەرتىپ ئىشلەندى.بۇ كىتاپ ئوزىنىڭ ئاممىبابلىقى بىلەن دىنى, ئىجتىمائى, ئەخلاقى, ئىقتىسادى قاتارلىق ئىنسان ھاياتىدا ئۇچرايدىغان ئومۇمى مەسىلىلەرگە ئوچۇق دېئاگۈنۇز قويۇش بىلەن بىرگە جانلىق مىساللار بىلەن كىتاپخانغا ئۆچۇق يورۇتۇپ بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئىسلامدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ۋە مۇھىم ئەمەللىرى ناملىق بۇ كىتاپ ياش دىنى زىيالى ھەدىسشۇناس سەيپىددىن ئەپەندىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.بۇ كىتاب ئۆقۇرمەنلەرگە، غەرىپ ئەللىرىنىڭ ئىسلامنىڭ، ئىسلام ئاياللىرىغا تولۇق كىشىلىك ھوقۇقۇنى بەرمىدى دىگەندەك بىرقىسىم توھمەت خاراكتىرلىق كۆز قارىشىنى ئوچۇق بايان قىلىپ،ئۇنىڭغا قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن جاۋاپ بىرىدۇ. شۇنداقلا ئاياللارنىڭ پاك ـ دىيانەتلىك، ئەخلاق ـ پەزىلەتلىك بولىشى شۇ مىللەتنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرى ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە بولغاچقا ئۇلار ئاياللارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزۇشنى ئاساسى مەخسەت قىلغان. ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ دۇنيادىكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ بىر قىسمى بولغانلىقىنى كۆزدە تۈتۈپ ئىسلام دىنى ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىغا قانداق ھەق-ھۆقۇق بەرگەنلىكىنى بىلىۋىلىشىنى كۆزدە تۈتۈپ بۇ ئەسەرنى ھۆزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

بەت : 2 - دىن : 1