كاتوگۇرىيە تۈرى

معلومات المواد باللغة العربية

Classification Tree

بۆلۇم سانى: 315

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    شۇنىسى ئېنىقكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋزىلى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۆلگىسى، ياخشىلارنىڭ سەرخىلى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سۆيۈش، ئۇنىڭ شەنىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنى دۈشمەنلەرنىڭ ھاقارەتلىرىدىن مۇداپىئە قىلىش ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچى ۋە  ئۇنىڭدىن تەلەب قىلىنىدىغان ئەڭ ئاددى بىر تەلەب. چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا ئىمان تولۇقلانغان بولىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    «ئۇيغۇر قىز-خانىملىرىغا نەسىھەت» ناملىق بۇ ماقالىدا، جەمئىيىتىمىزدە يۈز بىرىۋاتقان دىنى ئېتىقاد، مىللى غۇرۇر، ئىنسانىي ئەخلاققا زىت بەزى بىر ئەھۋاللارنى ئىچىپ بېرىش بىلەن بىرگە، قۇرئان ۋە ھەدىس نۇرى ئاستىدا قانداق قىلىش توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    تەقۋادارلىق بولسا مۆمىنلار ئارزۇ قىلىدىغان ئەڭ ئالى مەقاملاردىندۇر. تەقۋادارلىق ئىنساننى پۇتۇن ئىش-ھەركەتلىرىدە ئاللاھ زىرالىقىنى ھاسىل قىلىشقا ئۇندەيدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    «تەكەببۇرلۇق روھىي ھالىتى توغرىسىدا»ناملىق بۇ ماقالىدا، تەكەببۇرلۇقنىڭ نەقەدەر رەزىل ئەخلاق ئىكەنلىكى،ئۇنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كەلتۇرىدىغان زىيىنى، قانداق قىلغاندا تەكەببۇرلۇقتىن ئىبارەت بۇ يامان ئەخلاقتىن قۇتۇلۇش مۇمكىنلىكى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    «غەيۋەت-شىكايەت ۋە ئۇنىڭ زىيىنى توغرىسىدا» ناملىق بۇ ماقالىدا، غەيۋەتنىڭ زىيىنى، جەمىيەتكە بولغان سەلبىي تەسىرى، ئۇنىڭ بۈيۈك گۇناھلاردىن ئىكەنلىكى، مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىدىن ئەمەسلىكى، غەيۋەتخور دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ھەدىسكە تايانغان ھالدا بايان قىلىپ بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    «نامازدىكى ھېكمەت ۋە خاسىيەت» ناملىق بۇ ماقالىدا، نامازنىڭ پەرز قىلىنىشى، ئۇنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتىكى رولى قاتارلىق مەسىلىلەردە توختىلىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    تەرجىمە قىلغۇچى : مۇسلىمە ئۇيغۇر قىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «مۇھەممەد ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ ﮔﻪ ياردەم بېرىشتىكى يۈز ۋەسىيلە» ناملىق بۇ ماقالىدا ، ئۇ زاتقا ئۇممەت بولۇش سۈپۇتىمىز بىلەن قانداق ياردەم بىرىشىمىز كىرەكلىكىنى ھەر - ساھەگە مۇناسىپ ھالدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : دوكتۇر جەئپەر شەيخ ئىدرىس تەرجىمە قىلغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «سكولارىزم (ئىلمانىزم) ۋە جاھىلىيەت» ناملىق بۇ ماقالىدا سكولارىزم مەدەنىيىتى ياكى ھازارىتى ھاۋايى- ھەۋەسنى ھەقىقى ئىلاھنىڭ ئورنىغا چۈشۈرىۋالغان بىر خىل مەدەنىيەت ئىكەنلىكى، بارلىق شەكىل ۋە تۈرلىرى(كونا ياكى يېڭى، شەرقچە ياكى غەربچە) نىڭ ئەسلىدىكى كۇپۇر ئورتاقىلىقىدىن ئۈنگەن بىر خىل ئورتاق ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    « ئۆزۇمگە خىتاپ »ناملىق بۇ ماقالىدا ، مۇسۇلمان قارا كۈنلەردىكى ئەزىيەتلەرگە قانداق سەبرى قىلىشى، ئاللاھ بىلەن بەندىنىڭ ئالاقىسى، چوڭ -كېچىك ئىشلارنىڭ ھممىسىدە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش، مۇسۇلمان ئېززەت ئابرويى بىلەن ياشىشى، پۈتۈن ئەمەللەر ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن ھالدا بولىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاپتۇر ئۆزىگە خىتاپ قىلىش ئارقىلىق بايان قىلىپ بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «رامىزان، تېلۋىزور ۋە بىز» ناملىق بۇ ماقالىدا، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، تېلۋىزىيە دىن ئىبارەت«دىلبۇزار»نى رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن كۆرمەسلىككە تىرىشىشىمىز ئارقىلىق، ئاللاھ تائالاغا، ئۇنىڭ دىنىغا، پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىخلاسىمىزنى نامايەن قىلىشىمىزنى ۋە شۇنداقلا مىللىي ئەنئەنە، ئۆرپ- ئادەتلىرىمىزنى بۇ ئارقىلىق قوغداپ قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «جەننەت قانداق جاي؟» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ھىكايە كىچىك پەرزەنتلىرىمىزنىڭ جەننەتكە بولغان چۇشەنچىسىنى ئوستۈرىپلا قالماستىن, پانى دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى ھەقىقى ھايات جەننەتتىن ئىبارەت تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىز كىلىدىغان ئۇ گۈزەل ماكاندا ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلەپ بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    يازغۇچى : ئەلى رىزا دېمىرجان تەرجىمە قىلغۇچى : ئا.قاراقاش تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ﮬﻪﺟﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ؟» ناملىق بۇ ماقالىدا ھەجنىڭ ماھېيىتىنى قانداق چۈشۇنىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا بىر نەچچە نوقتىدا توختىلىدۇ:1- ھەجنىڭ يولغا قويۇلىشى ۋە ئۇنىڭ ئەركانلىرىنىڭ ماھېيىتى.2- ئاللاھقا مۇتلەق تەسلىم بولۇشنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكى. 3-مۇسۇلماننىڭ ھاياتقا يېڭى سەھىپە ئېچىشقا پۇرسەت ئىكەنلىكى.4-ئىسلام شەرىئىتىدىكى بەلگىمىلەرنى ئادا قىلىشتىكى ئەمەلى ۋاسىتە ئىكەنلىكى.5- شەيتانلارغا تاش ئېتىش،چاچ چۈشۈرتۇش،ئاللاھ يولىدا قان قىلىش قاتارلىقلاردىكى ھېكمەت.6- ئىنسان ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش بىلەن جەننەتكە ئېرىشىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى قۇرئان سۈننەتكە ئۈيغۇن ھالدا بايان قىلىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : مېركامىلجان قەشقەرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «قۇربان ھېيتى بىزدىن زادى قانداق روھنى تەلەپ قىلىدۇ؟» بۇ ماقالىدا، قۇربان ھېيتىنىڭ ھەقىقى ماھىيتى، نېمە ئۈچۈن ھېيت قىلىدىغانلىقىمىز، قۇربان ھېيتنىڭ ئۆرپ-ئادەت خاراكتىرگە ئىگە بايرام بولماستىن، بەلكى ئىسلام دىنىدا رەسمى يولغا قويۇلغان دىنى تۈس ئالغان بايرام ئېكەنلىكى ...قاتارلىقلارنى قۇرئان ھەدىستىن دەلىللەپ چۈشەندۇرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : جۇندۇللاھ ئۇيغۇرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ھىجابىڭىز نەگە كەتتى؟»ناملىق بۇ ماقالە ئاچا-سىڭىللىرىمىزغا قارىتىلغان بولۇپ، ھىجابنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەت،ھىجابنىڭ شەرتلىرى ۋە ئۇنىڭ جەمىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتىكى رولى، ھىجابتىكى ئىمانى روھ ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى،ھىجاب قىلىشنى كىم بۇيرىغانلىقى قاتارلىقلارنى قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ساغلام ھەدىسلەر بىلەن ئۇيغۇر ئاچا-سىڭىللىرىمىزگە چۇشەندۇرۇپ بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    «نېمە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتتىن قاچىمىز؟ »ناملىق بۇ ماقالىدا بىز ئۇيغۇر مىللىتىدىكى تارىخى خاراكتىرلىق بەزى ئېللەتلەرنىڭ مەۋجۈتلىقىنى ئېچىپ بىرىش بىلەن بىرگە، ساقلىنىپ كىلىۋاتقان بەزى بىر ئارتۇقچىلىقلار نىڭ سىلىشتۇرمىسى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر جەمىيىتىدە يۇز بىرىۋاتقان بەزى بىر رېئاللىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بېرگە ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنى بىر تەكشۇرۇپ چېقىشىنىڭ زۈرۈر ئېكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى» بۇ ماقالىدا قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ئۆقۇلۇش ئۇسۇلىنى ھەنەپىي مەزھەبىگە كۆرە قۇرئان ھەدىسگە ئۈيغۇن ھالدا تەپسىلى چۈشەندۇرۇپ بېرىدۇ. قۇربان ھېيت بايرىمىنىڭ يېقىنلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ماقالىنى بېكىتىمىزدە ئېلان قىلدۇق.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    يازغۇچى : شەيخ ئەمىن ھاجى مۇھەممەد تەرجىمە قىلغۇچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «قۇربان ھېيتى»ناملىق بۇ ماقالىدا ئاپتۇر سۆزىنى تۆۋەندىكىدەك باشلايدۇ: مۇسۇلمان قېرىندىشىم! شۇ نەرسىنى ئېنىق بىلىڭكى، مۆمىنلەر ئۈچۈن دۇنيادا پەقەتلا ئۈچ ھېيىت بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ھەر ھەپتىدە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان جۈمە كۈنى، قالغان ئىككىسى يىلدا بىر قېتىمدىن كېلىدىغان رۇزا ۋە قۇربان ھېيتلىرىدىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئوينايدىغان ئىككى كۈنى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ،  "ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئىككى كۈنىڭلارنى ئۇنىڭدىنمۇ خەيرلىك بولغان رۇزا ۋە قۇربان ھېيتىدىن ئىبارەت ئىككى كۈنگە تېگىشتۈرۈپ بەردى" دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بىزگە ئويۇن ـ تاماشاغا تولغان ئىككى كۈننى، زىكىر، شۈكۈر، مەغپىرەت ۋە ئەپۇچانلىق كۈنىدىن  ئىبارەت بۇ ئىككى كۈنگە تېگىشتۈرۈپ بەردى.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    تەرجىمە قىلغۇچى : مۆمىن جان تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «قۇربانلىققا دائىر ئەھكاملار ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى» ناملىق بۇ ماقالىدا، قۇربانلىق قىلىش ئورپ-ئادەت بولماستىن،بەلكى ئىسلام دىنىدىكى ئىقتىسادى ئىبادەتلەردىن ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكى، قۇربانلىق قىلىشقا قادىر بولالايدىغان كىشىلەرنىڭ قۇربانلىق قىلىشى تەكىتلەنگەن سۈننەت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا ئائىت ھۆكۈم ۋە شەرت قاتارلىقلار توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    يازغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى»جانابى ئاللاھ بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىدىن ئۇلارنى ئىبادەتكە قىزىقتۇرۇش، سالىھ ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قۇزغاتقىلى ۋاقىتنى يارىتىپ، ئۇنى بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق پەزىلەتكە ئىگە قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كۈنلەرنىڭ دۇنيادىكى كۈنلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى. بەلكى ئاللاھنىڭ بۇ كۈنلەر بىلەن قەسەم قىلغانلىقىنىڭ ئۆزى، ئۇ كۈنلەرنىڭ شەرەپلىك ۋە پەزىلەتلىك ئېكەنلىكىگە يېتەرلىك ئىسپاتتۇر.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : مەۋلانا يۇسۇپ ئىسلاھى تەرجىمە قىلغۇچى : مېركامىلجان قەشقەرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «قۇربانلىق قىلىشنىڭ ماھىيىتى »ناملىق بۇ ماقالە،قەلبى گويا مىھرى ــ شەپقەتنىڭ سەرچەشمىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن بىر بوۋاينىڭ (يەنى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئۆز يۈرەك پارىسىغا: "ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشنى چۈشەپتىمەن، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟" دېگىنىدە، ياراملىق پەرزەنتىنىڭ "ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا (ئۇنىڭغا) مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن" دەپ قىلچە ئىككىلەنمەستىن،  جاۋاپ بەرگەنلىگىدىن ئىبارەت ئىمان، ساداقەتنى لەرزىگە سالىدىغان ئەشۇ تەسىرلىك مەنزىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئۆتىدۇ.