كاتوگۇرىيە تۈرى

معلومات المواد باللغة العربية

Islamic Culture

بۆلۇم سانى: 52

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    تەرجىمە قىلغۇچى : مۆمىن جان تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «قۇربانلىققا دائىر ئەھكاملار ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى» ناملىق بۇ ماقالىدا، قۇربانلىق قىلىش ئورپ-ئادەت بولماستىن،بەلكى ئىسلام دىنىدىكى ئىقتىسادى ئىبادەتلەردىن ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكى، قۇربانلىق قىلىشقا قادىر بولالايدىغان كىشىلەرنىڭ قۇربانلىق قىلىشى تەكىتلەنگەن سۈننەت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا ئائىت ھۆكۈم ۋە شەرت قاتارلىقلار توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    يازغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى»جانابى ئاللاھ بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىدىن ئۇلارنى ئىبادەتكە قىزىقتۇرۇش، سالىھ ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قۇزغاتقىلى ۋاقىتنى يارىتىپ، ئۇنى بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق پەزىلەتكە ئىگە قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كۈنلەرنىڭ دۇنيادىكى كۈنلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى. بەلكى ئاللاھنىڭ بۇ كۈنلەر بىلەن قەسەم قىلغانلىقىنىڭ ئۆزى، ئۇ كۈنلەرنىڭ شەرەپلىك ۋە پەزىلەتلىك ئېكەنلىكىگە يېتەرلىك ئىسپاتتۇر.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : مەۋلانا يۇسۇپ ئىسلاھى تەرجىمە قىلغۇچى : مېركامىلجان قەشقەرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «قۇربانلىق قىلىشنىڭ ماھىيىتى »ناملىق بۇ ماقالە،قەلبى گويا مىھرى ــ شەپقەتنىڭ سەرچەشمىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن بىر بوۋاينىڭ (يەنى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئۆز يۈرەك پارىسىغا: "ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشنى چۈشەپتىمەن، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟" دېگىنىدە، ياراملىق پەرزەنتىنىڭ "ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا (ئۇنىڭغا) مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن" دەپ قىلچە ئىككىلەنمەستىن،  جاۋاپ بەرگەنلىگىدىن ئىبارەت ئىمان، ساداقەتنى لەرزىگە سالىدىغان ئەشۇ تەسىرلىك مەنزىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئۆتىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    پەزىلەتلىك جەمئىيەت قەدىمدە كۆپلىگەن پەيلاسوپلار ياشاپ كەلگەن شىرىن خىيال بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مۇتەپەككۇرلارنىڭ ۋە ئۆلىمالارنىڭ نەزەرىدە ئۇلۇغۋار نىشان سانىلىپ كەلدى. ھەركىم پەزىلەتلىك بۇ جەمئىيەتنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدا ياشاشنى تىلەيدىغان بولغان ئىدى. كۆڭۈل راھەتلىنىدىغان مۇنداق بىر جەمئىيەتنى كىممۇ ئارمان قىلمىسۇن؟!

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن رۇزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا»ناملىق بۇ ماقالىدا ، شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن نەپلە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ پايدىلىرى، ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئۈچۈن بىرىلىدىغان ساۋاپلار ۋە ئۇنىڭغا ئائىت بەزى ھۆكۇملەر ساغلام ھەدىسلەرگە تايانغان ھالدا ئوقۇرمەنلىرىمىزگە بايان قىلىنىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    «رامىزاننىڭ شاراپىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشتىكى 10 تەۋسىيە » ناملىق بۇ ماقالىدا،رامىزان ئېيى ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، يامان ئادەتلەرنى تاشلاش، ئېسىل پەزىلەتلەرنى، گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىدە يەرلەشتۈرۈش، ئىستىقامەتتە مۇستەھكەم بولۇش ۋە ئىماننى يېڭىلاش پۇرسىتى ئىكەنلىكى، رامىزان ئېيىدىكى روزا تەربىيە خاراكتېرلىك ئىبادەت بولۇپ، بۇ روزىدىن مەقسەت ئەتىگەندىن كەچكىچە قورساقنى ئاچ قويۇپ بېھۈدە قىينىلىش ئەمەس، بەلكى نەپسىنىڭ ئىستەكلىرىنى كونترول قىلىشنى ۋە سەبىرچانلىقنى ئۆگىنىش، چىدام ۋە ئىرادىنى تىكلەشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    «رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى» ناملىق بۇ ماقالىدا،رامىزان ئېيىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى، بۇ مۇبارەك ئاينىڭ باشقا ئايلاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكى، بۇ ئاينى ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن رەھمەت ۋە مەغپىرەت ئېيى قىلىپ بېكىتكەنلىكى،ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ھەسسىلەپ ئەجىر ۋە مۇكاپات بىرىدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «روزا تۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق ۋە چۇشەنچە» ناملىق بۇ ماقالىدا، رامىزان ئېيىدا گۇناھ – مەئسىيەتتىن، چەكلەنگەن گەپ- سۆزدىن، ھارامغا قاراشتىن، ھارام قىلىنغان يەرگە قاراشتىن، ھارام قىلىنغان نەرسىنى ئاڭلاشتىن، ھارام يېيىش، ھارام ئىچىشتىن ساقلىنىش ئارقىلىق جەھەننەم ئازابىدىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىشىمىز لازىملىقى، بىر ئاي روزا تۇتۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن قازانغان روھانى كۈچنى داۋاملىق ساقلاپ قىلىشىمىزنىڭ مۇھىملىقى،رامىزاننىڭ ئەدەب- ئەخلاقلىرىغا رىئايە قىلىشىمىز كېرەكلىكى...قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چۇشەنچە بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    يازغۇچى : خالىد ئىبنى ئابدۇراھمان دۇۋەيش تەرجىمە قىلغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قانداق قارشى ئالىمىز؟» ناملىق بۇ ماقالىدا، ئۆزىنى مۇسۇلمان ساناپ يۈرگەن ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ رامىزاندىن ئىبارەت، بۇ ئىبادەت مەۋسۇمىنى قولدىن بەرمەسلىكى، ئىبادەتكە، خەير ـ ساخاۋەتكە ھېرىسمەن بولۇشى، ھەر قانداق بىر سالىھ ئەمەل بولسا باشلامچىلىق بىلەن گويا مۇسابىقىگە چۈشكەندەك بەسلىشىپ تۇرۇپ ئادا قىلىشقا تىرىشىشى لازىملىقى توغرىسىدا چۇشەنچە بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «رامىزاننى قانداق قارشى ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە لايىھەلەر» ناملىق بۇ ماقالىدا، قانداق قىلغاندا روھانىيىتىمىزنى تەربىيەلەيمىز؟ رامىزاندا ئائىلىدە ئىلىپ بىرىلىدىغان تەربىيە خاراكتىرلىق پائالىيەتلەر، مەسجىدلەرنىڭ رامىزاندىكى رولى...قاتارلىق بىر قىسىم مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    «بارات كېچىسى توغرىسىدا»ناملىق بۇ ماقالە بىدئەت ۋە ئۇنىڭ خەتىرى توغرىسىدا بولۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بەزىلىرىدىن بۇ ئايدا يۇز بېرىدىغان بىر قىسىم خاتا كۆز قاراش ۋە بىدئەت پائالىيەتلەرگە قۇرئان ھەدىسنىڭ روھى بىلەن، شۇنداقلا ئاتالمىش «بارات كېچىسى» توغرىسىدا ئوقۇرمەنلەرگە قىسقىچە چۇشەنچە بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    ئاپتۇر ماقالىسىدا ئىسلامىي قېرىنداشلىقنىڭ ئەھمىيىتى، مۇسۇلمان ئۈچۈن دۇئانىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورال ئىكەنلىكى، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، غەززە رايونىدىكى قېرىنداشلارغا جىھادتا مۇستەھكەم ۋە قەتئى ئىرادىلىك بولىشىغا دۇئا قىلىش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم ئىكەنلىكى، كۆپلىگەن دۆلەتلەردە غەززە رايونىدىكى قېرىنداشلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى ھېسداشلىق پائالىيەتلىرىنىڭ قانات يايدۇرىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىدۇ.