كاتوگۇرىيە تۈرى

معلومات المواد باللغة العربية

Periodic Occasions

بۆلۇم سانى: 169

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : مەۋلانا يۇسۇپ ئىسلاھى تەرجىمە قىلغۇچى : مېركامىلجان قەشقەرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «قۇربانلىق قىلىشنىڭ ماھىيىتى »ناملىق بۇ ماقالە،قەلبى گويا مىھرى ــ شەپقەتنىڭ سەرچەشمىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن بىر بوۋاينىڭ (يەنى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئۆز يۈرەك پارىسىغا: "ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشنى چۈشەپتىمەن، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟" دېگىنىدە، ياراملىق پەرزەنتىنىڭ "ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا (ئۇنىڭغا) مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن" دەپ قىلچە ئىككىلەنمەستىن،  جاۋاپ بەرگەنلىگىدىن ئىبارەت ئىمان، ساداقەتنى لەرزىگە سالىدىغان ئەشۇ تەسىرلىك مەنزىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئۆتىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن رۇزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا»ناملىق بۇ ماقالىدا ، شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن نەپلە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ پايدىلىرى، ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئۈچۈن بىرىلىدىغان ساۋاپلار ۋە ئۇنىڭغا ئائىت بەزى ھۆكۇملەر ساغلام ھەدىسلەرگە تايانغان ھالدا ئوقۇرمەنلىرىمىزگە بايان قىلىنىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    MP3

    لېكتور : مۇھەممەد ئۇيغۇر تىلاۋەتى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «رامىزان ئېيى مۇبارەك ئايدۇر» ناملىق بۇ لېنتىدا رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى، رامىزاندا خالىس ئاللاھ رىزالىقىنى ئۆمۈت قىلىپ ، ۋاقىتلىرىنى ناماز ۋە قۇرئان ئوقۇشقا ئوخشاش ئىبادەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلار ئۈچۈن، ئەۋۋەلقى 10كۈنلىرىنىڭ رەھمەت،ئوتتۇرىدىكى 10 كۈنلىرىنىڭ مەغپىرەت، ئاخىرقى 10 كۈنلىرىنىڭ دوزاختىن ئازات بولىدىغان ئاي ئىكەنلىكى، قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى، رامىزان ئېيىدىن كىيىنمۇ ، ئۇ ئايدا ھاسىل قىلىنغان پەزىلەتلەرنى داۋاملىق چىكىنمەستىن تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا قۇرئان ھەدىسگە تايىنىپ تەپسىلى چۇشەنچە بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    «رامىزاننىڭ شاراپىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشتىكى 10 تەۋسىيە » ناملىق بۇ ماقالىدا،رامىزان ئېيى ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، يامان ئادەتلەرنى تاشلاش، ئېسىل پەزىلەتلەرنى، گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىدە يەرلەشتۈرۈش، ئىستىقامەتتە مۇستەھكەم بولۇش ۋە ئىماننى يېڭىلاش پۇرسىتى ئىكەنلىكى، رامىزان ئېيىدىكى روزا تەربىيە خاراكتېرلىك ئىبادەت بولۇپ، بۇ روزىدىن مەقسەت ئەتىگەندىن كەچكىچە قورساقنى ئاچ قويۇپ بېھۈدە قىينىلىش ئەمەس، بەلكى نەپسىنىڭ ئىستەكلىرىنى كونترول قىلىشنى ۋە سەبىرچانلىقنى ئۆگىنىش، چىدام ۋە ئىرادىنى تىكلەشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    «رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى» ناملىق بۇ ماقالىدا،رامىزان ئېيىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى، بۇ مۇبارەك ئاينىڭ باشقا ئايلاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكى، بۇ ئاينى ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن رەھمەت ۋە مەغپىرەت ئېيى قىلىپ بېكىتكەنلىكى،ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ھەسسىلەپ ئەجىر ۋە مۇكاپات بىرىدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «روزا تۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق ۋە چۇشەنچە» ناملىق بۇ ماقالىدا، رامىزان ئېيىدا گۇناھ – مەئسىيەتتىن، چەكلەنگەن گەپ- سۆزدىن، ھارامغا قاراشتىن، ھارام قىلىنغان يەرگە قاراشتىن، ھارام قىلىنغان نەرسىنى ئاڭلاشتىن، ھارام يېيىش، ھارام ئىچىشتىن ساقلىنىش ئارقىلىق جەھەننەم ئازابىدىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىشىمىز لازىملىقى، بىر ئاي روزا تۇتۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن قازانغان روھانى كۈچنى داۋاملىق ساقلاپ قىلىشىمىزنىڭ مۇھىملىقى،رامىزاننىڭ ئەدەب- ئەخلاقلىرىغا رىئايە قىلىشىمىز كېرەكلىكى...قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چۇشەنچە بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    يازغۇچى : خالىد ئىبنى ئابدۇراھمان دۇۋەيش تەرجىمە قىلغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قانداق قارشى ئالىمىز؟» ناملىق بۇ ماقالىدا، ئۆزىنى مۇسۇلمان ساناپ يۈرگەن ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ رامىزاندىن ئىبارەت، بۇ ئىبادەت مەۋسۇمىنى قولدىن بەرمەسلىكى، ئىبادەتكە، خەير ـ ساخاۋەتكە ھېرىسمەن بولۇشى، ھەر قانداق بىر سالىھ ئەمەل بولسا باشلامچىلىق بىلەن گويا مۇسابىقىگە چۈشكەندەك بەسلىشىپ تۇرۇپ ئادا قىلىشقا تىرىشىشى لازىملىقى توغرىسىدا چۇشەنچە بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «رامىزاننى قانداق قارشى ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە لايىھەلەر» ناملىق بۇ ماقالىدا، قانداق قىلغاندا روھانىيىتىمىزنى تەربىيەلەيمىز؟ رامىزاندا ئائىلىدە ئىلىپ بىرىلىدىغان تەربىيە خاراكتىرلىق پائالىيەتلەر، مەسجىدلەرنىڭ رامىزاندىكى رولى...قاتارلىق بىر قىسىم مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    «بارات كېچىسى توغرىسىدا»ناملىق بۇ ماقالە بىدئەت ۋە ئۇنىڭ خەتىرى توغرىسىدا بولۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بەزىلىرىدىن بۇ ئايدا يۇز بېرىدىغان بىر قىسىم خاتا كۆز قاراش ۋە بىدئەت پائالىيەتلەرگە قۇرئان ھەدىسنىڭ روھى بىلەن، شۇنداقلا ئاتالمىش «بارات كېچىسى» توغرىسىدا ئوقۇرمەنلەرگە قىسقىچە چۇشەنچە بىرىدۇ.