معلومات المواد باللغة العربية

ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - بارلىق ھۆججەتلەر

بۆلۇم سانى: 87

  • ئۇيغۇرچە

    لېكتور : ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    ئىسلام ئەخلاقىنىڭ تەقەززاسى، ناملىق بۇ لېكسىيەدە، ئەزاننىڭ مەناسى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت مۇھىم نۇقتىلارنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دىنىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى قىسقىچە چۈشەندۈرىدۇ ۋە شۇنداقلا قىزلىرىمىزنى قانداق تەربىيىلەيمىز دېگەن مەزمۇندا ئالاھىدە توختىلىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    يازغۇچى : شەيخ شەمسى نۇۋەيد ئوسمانى تەرجىمە قىلغۇچى : مېركامىلجان قەشقەرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    ئۈممەتنىڭ ئامانەتدارى ناملىق بۇ ماقالە ئاتاقلىق ئىسلام ئالىمى شەمىس نەۋىد ئوسمانىنىڭ يازمىلىرىدىن بولۇپ، بۇ ماقالىنى ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزىدىكى ياش تەرجىمان كامىلجان ئەپەندىم نەشىرگە تەييارلىدى.بۇ ماقالە جەننەت بىلەن بېشارەت بىرىلگەن ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ دىگەن ساھابىنىڭ قىسقىچە ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دىنىغا قوشقان ئىنساننى ھاياجانغا سالىدىغان بۈيۈك توھپىلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بىرىدۇ...

  • ئۇيغۇرچە

    ئاپتور : ئىمام ئىسمائېل ئىبنى ئومەر ئىبنى كەسىر تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز تەرجىمە قىلغۇچى : مۆمىن جان تەرجىمە قىلغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد ئۆمەر تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد ئابدۇللاھ قارى تەرجىمە قىلغۇچى : يۇسۇپ قارى تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇلھەمىد قاراجىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    مەشھۇر مۇپەسسىر ئىبنى كەسىر تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە ھەممە جەھەتتىكى ساغلاملىقى، مۆتېدىللىقى ۋە ئاممىيبابلىقى بىلەن نەچچە ئەسىرلەردىن بىرى ئىسلام مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ يۈكسەك پەللىسىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان نادىر ئەسەر «قۇرئان كەرىم تەپسىرى ـ تەپسىر ئىبنى كەسىر»، «ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى» تەرىپىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا تولۇق تەرجىمە قىلىندى. بۇ ئەسەر 4000 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 6 توم، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى، توغرىسى پۇتۇن ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ھەجمى ئەڭ چوڭ دىنى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    تەۋبە قىلغۇچىلار باغچىسى ناملىق بۇ كىتاپ ياش تەرجىمان دىنى زىيالى ئا.ئابدۇرەھمان خاقانى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتاپ ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزىنىڭ تەسىرلىك ۋەقەلىكى بىلەن ئوقۇرمەننى ھېدايەت يولىغا يېتەكلەپ، ئىككى دۇنيالىق مۇرادىنىڭ ھاسىل بولىشىدا تۈرۈتكۈلۇك رول ئوينىغۇسى... قېنى مەرھەمەت!

  • ئۇيغۇرچە

    ئىسلامدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ۋە مۇھىم ئەمەللىرى ناملىق بۇ كىتاپ ياش دىنى زىيالى ھەدىسشۇناس سەيپىددىن ئەپەندىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.بۇ كىتاب ئۆقۇرمەنلەرگە، غەرىپ ئەللىرىنىڭ ئىسلامنىڭ، ئىسلام ئاياللىرىغا تولۇق كىشىلىك ھوقۇقۇنى بەرمىدى دىگەندەك بىرقىسىم توھمەت خاراكتىرلىق كۆز قارىشىنى ئوچۇق بايان قىلىپ،ئۇنىڭغا قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن جاۋاپ بىرىدۇ. شۇنداقلا ئاياللارنىڭ پاك ـ دىيانەتلىك، ئەخلاق ـ پەزىلەتلىك بولىشى شۇ مىللەتنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرى ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە بولغاچقا ئۇلار ئاياللارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزۇشنى ئاساسى مەخسەت قىلغان. ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ دۇنيادىكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ بىر قىسمى بولغانلىقىنى كۆزدە تۈتۈپ ئىسلام دىنى ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىغا قانداق ھەق-ھۆقۇق بەرگەنلىكىنى بىلىۋىلىشىنى كۆزدە تۈتۈپ بۇ ئەسەرنى ھۆزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

  • ئۇيغۇرچە

    مۇتتەقىيلەر سەيلىگاھى «ياخشىلار باغچىسى» نىڭ شەرھى ناملىق بۇ ئەسەر بىر گۇرۇپ ئۆلىمالار تەرىپىدىن شەرھىلەنگەن بولۇپ، كىتاب ئۆزىنىڭ پايدىلىق ۋە ئىلمى قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ھەممىگە مەلۇم.

  • ئۇيغۇرچە

    ئاپتور : ئۆمەر چىلەك تەرجىمە قىلغۇچى : ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى، ناملىق بۇ كىتاپ ياش تەرجىمان ۋە مۇھەررىر ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئەپەندىمنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، بۇ كىتاپتا، قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى سىرلىق تەرەپلىرى ئۇستىدىن ئىلىپ بىرىلغان تەتقىقاتلار، سۈرە ، ئايەت ۋە ھەرپلەرنىڭ ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ماتېماتىكىلىق سېستىم بىلەن تۇزۇلگەنلىكىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ ھەق كىتابى ئىكەنلىكىگە دەلىل ئىسپاتلىقىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ ۋە شۇنداقلا دىنغا ئىشەنمەيدىغان ماددى كۆز قاراشتىكى ئاتىزىمچىلارغا ئۇلار چۇشۇنىغان ئۇسلۇب بىلەن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويىدۇ.