ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى - ماقالىلار
بۆلۇم سانى: 61
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم شۇرەيم تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ14/2/1431ھـ 2009-يىلى01-ئاينىڭ29-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. خۇتبىدا ۋەخپىنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى، ۋەخپە تۇرغۇزۇشنىڭ پەزىلىتى، ۋەخپە تۇرغۇزۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان بەزى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىق تۇرغۇزۇشى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ساپاسىنى كۆتۈرۈپلا قالماستىن بەلكى قېرىنداشلىق روھىنىمۇ يېتىلدۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم شۇرەيم تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ8/1/1431ھـ 2009-يىلى12-ئاينىڭ25-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. خۇتبىدا جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئامانەتدارلىقنىڭ رولى، كىشىلىك جەمئىيەتتە ئىگىلىك تىلكەش ئۈچۈن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇشنىڭ مۇھىملىقى، ئامانەت سۆزىنىڭ ئومۇمى مەنىسى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، ئامانەتدارلىقنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىق مەسئۇلىيەتكە ئائىت مۇھىم تەۋسىيەلەر قىلىندى.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 24/12/1430ھـ 2009-يىلى12-ئاينىڭ11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇسۇلماننىڭ ئىمانىغا كۆرە سىناققا دۇچ كېلىشى ۋە ئۇنىڭدىكى ھىكمەت، مۇسۇلماننىڭ مۇسىبەتكە تۇتىدىغان پوزىتسىيىسى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا ئاخىرەتتىكى نەتىجىسى، ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن ئۈمىدۋار بولۇشنىڭ رۆرۈرلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 1/1/1431ھـ 2009-يىلى12-ئاينىڭ18-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب سۆزلىگەن. خۇتبىدا ھىجرىيە يېڭى يىلى كېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىشى، ئۆز-ئارا زۇلۇم ۋە ئازار بېرىشتىن ساقلىنىشنىڭ مۇھىملىقى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدالىشىش خۇتبىسىدىكى ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلار بايان قىلىنغان بەزى مۇھىم نۇقتىلار ۋە ئىسلامى پرىنسىپنىڭ ئوخشىشى يوقلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ھۇمەيد تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ17/12/1430ھـ2009-يىلى12-ئاينىڭ04-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. خۇتبىدا نەسىھەتنىڭ پەزىلىتى ۋە ئەدەبلىرى، نەسىھەتنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتىكى رولى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز-ئارا نەسىھەت قىلىشىشى ئىسلام ۋە مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن ئىكەنلىكى قاتارلىق نەسىھەتكە دائىر بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە يورۇتۇپ بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 18/11/1430ھـ 2009-يىلى11-ئاينىڭ06-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب سۆزلىگەن. خۇتبىدا ھەج پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن مەككە مۇكەررەمىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئاللاھنىڭ مېھمانلىرى بەس-بەستە كېلىۋاتقانلىقى، ھەج ئىبادىتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋە ئۇلۇغ ئىبادەت ئىكەنلىكى، كەئبە شېرىف ئىنسانلارنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن زېمىن يۈزىدە تۈنجى سېلىنغان مۇقەددەس ئۆي (يەنى بەيتۇللاھ) ئىكەنلىكى، بەيتۇللاھنىڭ بىنا قىلىنىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان جانابى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇلۇغلاشنى مەقسەت قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 11/11/1430ھـ 2009-يىلى10-ئاينىڭ30-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن. خۇتبىدا كىشىلەرنى تۈرگە ئايرىشنىڭ خەتىرى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە ئېلىپ كىلىدىغان سەلبىي تەسىرى، مىللەت ئىچكى ئختىلاپلارنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ بىرلەشمىگىنىدە، مىللەت بوينىغا خارلىق زەنجىرىنىڭ تېخىمۇ پاتىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم شۇرەيم تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ13/10/1430ھـ 2009-يىلى10-ئاينىڭ02-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئىنساپ ۋە ئادالەتنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان ئىجابىي تەسىرى، ئىنسان ھاياتىدا ئىنساپ ۋە ئادالەت يوقالسا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 6/10/1430ھـ 2009-يىلى09-ئاينىڭ25-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇسۇلماننىڭ دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىللار، مۇسۇلمان دىنىغا، ۋەتىنىگە، مىللىتىگە، جۈملىدىن ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن قول يېغىشنىڭ ئىسلام ئەخلاقىدىن ئىكەنلىكى، مۇسۇلماننىڭ ھەرۋاقىت دىنىنى ياخشىلاشقا تىرىشىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 21/9/1430ھـ 2009-يىلى09-ئاينىڭ11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن.خۇتبىدا رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنىڭ ۋە قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى، مۇسۇلماننىڭ بۇ مۇبارەك كۈنلەردە پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، قەدىر كېچىسىگە مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشىنىڭ ۋاجىبلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 5/6/1430ھـ 2009-يىلى05-ئاينىڭ29-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن.خۇتبىدا ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان ھازىرقى زاماندا، بۇ ۋاسىتىلارنى قوللانغۇچىنىڭ قوللىنىشتىكى پايدا-زىياننى بىلىشىنىڭ مۇھىملىقى، مۇسۇلماننىڭ بۇ نېمەتلەرنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەنپەئەتى يېتىدىغان ئەھمىيەتلىك ئىشلارغىلا قوللىنىش لازىملىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ھۇمەيد تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 27/5/1430ھـ2009-يىلى05-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ھەر-تۈرلۈك مۇسىبەت ۋە تەبىئى ئاپەتلەرنى بېرىش ئارقىلىق سىنايدىغانلىقى، تەبىئى ئاپەتكە ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارغا، ئىنسانلارنىڭ قانداق پوزىتسىيىدە بولىدىغانلىقىنى كۈزۈتۈدىغانلىقى، ئاللاھ ئۆز قۇدرىتىنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارغا تەۋبە قىلىۋېلىش پۇرسىتى بېرىش ئارقىلىق پەرۋەردىگارىنىڭ ھەققىنى ساغلام رەۋىشتە ئادا قىلىشىنى تەقەززا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 28/4/1430ھـ 2009-يىلى04-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن. خۇتبىدا يالغانچىلىقنىڭ شەخس ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى، يالغانچىلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن كېلىپ چىقىدىغان زىيانلار، مۇسۇلمان ھەرقانداق ۋەزىيەت ئاستىدا كاززاپلىقتىن يىراق بولۇشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم شۇرەيم تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 17/4/1430ھـ 2009-يىلى 04-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا شۆھرەتپەرەسلىك ۋە ماختانچاقلىقنىڭ شەخس ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان يامان تەسىرى، سەلەپ ئالىملىرىىنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ ئاقىۋىتىدىن نېمە ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغانلىقى، سۆھرەتپەرەسلىكتىن ئىبارەت بۇ كېسەل جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا ئۆز تەسىرىنى يېيىۋاتقانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەر ھۆزۈرۈڭلاردا.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ھۇمەيد تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 14/4/1430 ھىجرى 2009-يىلى-04-ئاينىڭ-10 كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. خۇتبىدا سىھىر ۋە رامباللىقنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولغان خەتىرى ۋە جەمئىيەتتە پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى، ئۇنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى، بۇ رەزىل قىلمىشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قانداق قىلىشى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 7/4/1430ھـ 2009-يىلى04-ئاينىڭ 03-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇسۇلمان ئەقىدىسىدە قانائەت ھاسىل قىلىپ ئېتىقات قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى، ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ "قانائەت ھاسىل قىلىپ ئېتىقات قىلىش" توغرىسىدىكى كۆرسەتمىسى، ئىسلام دىنى ئېتىقادچىلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم شۇرەيم تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 23/3/1430ھـ 2009-يىلى 03-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇسۇلمان شەرىئەت يولغا قويغان پرىنسىپ ئاستىدا رىزقىنى ئىزدەشتە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش، ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېمىتىگە شۇكرى قىلىش، مۇسۇلمان ھاياتلىقنىڭ زىننىتى بولغان مال-دۇنيادىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئىزدىشىنىڭ مۇھىملىقى، ئىسلام دىنىنىڭ ھورۇنلۇققا قارشى تۇرۇپ ھالال ئەمگەك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىشقا رىغبەتلەندۇرۇدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 16/3/1430ھـ 2009-يىلى03-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇسۇلمان ھاياتىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەرجىمىھالىنى ئۈگۈنۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە رولى، رەسۇلۇللاھنى ياخشى كۆرۈش، ئۇ زات تۇغۇلغان ئايدا مەۋلۇت ئۆتكۈزۈش ياكى ۋاپاتىغا قايغۇرۇش بىلەنلا بولماستىن، بەلكى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش، ئىش-ئىزلىرىنى ھاياتىدا ئۆرنەك قىلىش ۋە تەتبىقلاش بىلەن ئىپادىلىنىغانلىقىغا دائىر مۇھىم مەزمۇنلار تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ھۇمەيد تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 25/2/1430 ھىجرى 2009-يىلى-02-ئاينىڭ-20 كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ئاللاھتىن قورقۇشنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى ۋە رولى، دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئەۋزەل بىلىشنىڭ خەتەرلىكى، ئىسلام دىنى ئىنسانىيەتنى كائىناتتىكى پۈتۈن يىڭىلىقلاردىن شەرىئەت يوليورۇقى ئاستىدا پايدىلىنىشقا رىغبەتلەندۇرۇدىغانلىقى، مۇسۇلمان ۋاقتىنى قەدىرلەپ، ئاخىرەتلىكىگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 11/2/1429ھـ 2009-يىلى02-ئاينىڭ 06-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا بەزى كىشىلەرنىڭ مۇپتىلىق شەرتلىرىنى ئېتىبارغا ئالماستىن ئۆزىنى پەتىۋا بېرىشكە ھەقلىق دەپ قاراپ، تېلېۋىزور قاناللىرىدا يېڭى ئەسىر مەسىلىلىرىگە جۈرئەت بىلەن ھۆكۈم قىلىشى، ئىلىمسىزلىك بىلەن بېرىلگەن پەتىۋانىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولىدىغان خەتىرى، تېلېۋىزور قاناللىرى ئارقىلىق ھالال-ھارام توغرىسىدا پەتىۋا بەرگۈچىلەر، ئىسلامىي پەتىۋالارنىڭ ماھىيىتىنى خۈنۈكلاشتۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.