نىزامىددىن تەمكىنى - ماقالىلار
بۆلۇم سانى: 330
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : دوكتۇر ئادىل ئىبنى ئەلى شەددىي تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
بەزى غەيرى مۇسۇلمانلار، خۇسۇسەن غەربلىكلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتكە نېمىلەرنى تەقدىم قىلغانلىقى ھەققىدە سورىشىدۇ. ئۇلارنىڭ سورىشى مەقسەتلىك بولۇپ غەرب ئاخباراتلىرىدا بۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. رەھمەت پەيغەمبىرىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش پروگراممىسى مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن ئۇلارغا جاۋاپ بېرىشنى ئۆز مەجبۇرىيىتىمىز دەپ قارايمىز ھەمدە رەسۇلۇللاھنىڭ ئىنسانىيەتكە نېمىلەرنى تەقدىم قىلغانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچىنى تەقدىم قىلىمىز.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : بىر گورۇپ ئالىملار تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئاللاھ تائالانىڭ يۈزگە بىرى كەم 99 ئىسمى بار، كىمكى ئۇنى سانىسا (يەنى ئەمەل قىلسا) جەننەتكە كىرىدۇ.» ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەن دۇئا قىلىش. بۇ ئىككى تۈرلۈك بولۇپ: بىرىنجىسى: ھەمدۇ-سانا ۋە ئىبادەت. ئىككىنجىسى: ئاللاھتىن ھاجىتىنى سوراش قاتارلىقلارمۇ ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئەمەل قىلغانلىق بولىدۇ. كىمكى قۇرئانغا ۋە سەھىھ سۇننەتكە مۇراجىئەت قىلسا ئۇنى سانىيالايدۇ ۋە ئەمەل قىلالايدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ھۇمەيد تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ26/6/1430ھـ2009-يىلى06-ئاينىڭ19-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە، مىللەت ۋە ئانا ۋەتەننىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ئىشپىيونلۇق ئاپاراتلىرىغا خىزمەت قىلىش، ئۇلارنىڭ تورىغا چۈشۈپ كېتىش ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىنى يوقىتىدىغانلىقى، ھەرقانداق مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشتە، ئۇلارنى دىن دۈشمەنلىرىنىڭ خىرىسلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى، ئازغۇن ئىدىيەلەرگە ئالدىنىپ كەتمەسلىكىنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىشىنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 12/6/1430ھـ 2009-يىلى 06-ئاينىڭ 05-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب سۆزلىگەن. خۇتبىدا تەلىم-تەربىيە ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى، ئالىملارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتىكى مەرتىۋىسى، مىللەتنىڭ نورمال تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن دەرس لاھىيەسىنىڭ ساغلام بولىشىنىڭ مۇھىملىقى، ئىلگىرى ۋە ھازىرقى ئەسىردە ياكى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ھۇزەيپى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 6/5/1430 ھـ 2009-يىلى05-ئاينىڭ 01-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا جانابى ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەتنى ئەھمىيەتسىز ياراتماستىن بەلكى ئۆزىگە ئىبادەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ياراتقانلىقى، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەتمەنلىك بىلەن بويسۇنۇشنىڭ ۋاپىبلىقى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان دۇنيا-ئاخىرەتتىكى ئاقىۋەتلەر توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلار ھوزۇرۇڭلاردا.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 9/3/1430ھـ 2009-يىلى03-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ دۇنيا ئاخىرەتتە كۆرۈلىدىغان نەتىجىسى، ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش، ئۇ زاتنىڭ قانۇن پرىنسىپلىرىغا تولۇق ئەمەل قىلىش، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش، سەھابە كىراملار ۋە سەلەپ ئالىملىرىنىڭ تۇتقان يولىنى ھاياتتا ئۆرنەك قىلىپ، ئەمەل قىلىش بىلەن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم شۇرەيم تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 12/1/1430ھـ 2009-يىلى 01-ئاينىڭ 09-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ئىسلامدا دىنى قېرىنداشلىقنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى، ئىسلامنىڭ پەزلى ۋە شەپقىتى، تارىختا بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ئازادلىقى، نۇسرەت ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبلىرى، بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ئىسلامدىكى ۋە مۇسۇلمانلار قەلبىدىكى ئورنى قاتارلىق بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى مۇھەممەد قاسىم تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ23/11/1429 ھـ / 2008-يىلى11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، بۇ خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ساھابىلارنىڭ پەزىلىتى، ئۇلارنىڭ دىندىكى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنى، ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەر ئالەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈسى، دىننى تارىتىش يولىدىكى پىداكارلىقلىرى قاتارلىق بىلىش زۆرۈر بولغان مەلۇماتلارنى ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 24/10/1429ھـ 2008-يىلى10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا ئىسلامنىڭ ئنسانىيەت ئۈچۈن بۈيۈك نېمەت ئىكەنلىكى، ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىقتىساد كرزىسىنى ھەل قىلىشتا ئىنسانىيەتنىڭ ئىسلام شەرىئىتىگە مۇراجىئەت قىلىشىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە ئىكەنلىكى، ئىنسانلارنىڭ نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىگە ئىسلام پرىنسىپىنىڭ تېنىچلىق يولى بىلەن چىقىش يولى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغانلىقى، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىسلامنىڭ پەزلىنى ئىنسانىيەتكە بىلدۈرۈشكە تېرىشىشى ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانى بۇرچى ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 29/7/1429 ھـ / 2008-يىلى 08-ئاينىڭ 01-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.بۇ خۇتبىدا، ئىسلام دىنىنىڭ بۈيۈك ئىككى ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى؛ ئۇ بولسىمۇ ھەممە ئىشنى ئىخلاس بىلەن خالىس ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىق قىلىش كېرەكلىكى، بىدئەت بولسا شېرىكتىن كىيىنكى دىننى بۇزىدىغان، دىننىڭ ئاساسىنى تەۋرىتىۋىتىدىغان، ئۇممەتنى زالالەتكە باشلاش بىلەن بىرگە چېچىلاڭغۇ ھالەتكە كېلىپ قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدىغان چوڭ گۇناھلاردىن ئىكەنلىكى، بىدئەتچىلەرگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇش كېرەكلىكى قاتارلىق بىدئەتكە دائىر مەسىلىلەردە تەپسىلى توختىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 15/7/1429ھـ 2008-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلام دىنى بىلەن ئىنسانىيەتكە بەخت-سائادەت بولىشىنى ئىرادە قىلغانلىقى، ئىسلامنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە پرىنسىپلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، گاھىدا ئۆز ئېتىقادچىلىرى تەرىپىدىن ئوبرازى خۇنۇكلاشتۇرۇلىۋاتقانلىقى، ساماۋى دىنلار ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئىلىپ بېرىلىشى، دىننى قوغداش ۋە ئۇنى تارقىتىشتىن قول ئۈزگەنلىك بولماستىن، بەلكى ئىسلام ئەھلى ۋە ئەھلى كىتابلار ئوتتۇرىسىدىكى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى دېئالوگ، ئارقىلىق ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
قەدىمقى زامان دىن دۇشمەنلىرى بىلەن ھازىرقى زامان دىن دۇشمەنلىرىنىڭ ئۈلۈغ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆبرازىنى خۇنىكلاشتۇرۇشتا قوللانغان ۋەسىلىلىرىنىڭ سىلىشتۇرمىسى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزى يازغۇچىلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققىدە دىگەنلىرى ھۆزۇرۇڭلاردا.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز تەرجىمە قىلغۇچى : نىزامىددىن تەمكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«ئىسلامنىڭ شەرتلىرى» ناملىق بۇ رىسالىدە، ئىنساننىڭ، ئاللاھ تائالانى توغرا رەۋىشتە تونۇشى،دىننىڭ ھەقىقى ماھېيىتىنى بىلىشى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئۇ زاتنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشى، " لائىلاھە ئىللەللاھ" كەلىمىسىنىڭ شەرتلىرى ۋە ئۇنىڭغا زېت كىلىدىغان ئامىللار، ئىنساننى دىندىن چىقىرىپ تاشلايدىغان ئەقىدىگە ئائىت مۇھىم مەسىلىلەر ...قاتارلىقلارنى قۇرئان ۋە ساغلام ھەدىسگە ئاساسلانغان ھالدا بايان قىلىپ بىرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
«دۇئانىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا» ناملىق بۇ ماقالىدا دۇئانىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدا نەقەدەر مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى، دۇئا ئېجابەت بولۇشنىڭ شەرتلىرى ۋە ئۇنىڭغا زېت ئامىللار، دۇئانىڭ ئىنسان ھاياتىغا بولىدىغان تەسىرى ۋە ئۇنىڭ ئېجابەت بولىدىغان ئەڭ مۇناسىپ ۋاقىتلار ...قاتارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە ھەدىس بىلەن ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : ئا.قاراقاش تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ قىسىملىرى» ناملىق بۇ ماقالىدا، ئاللاھ تائالانى بىر دەپ تونۇش ۋە ئۇنى تەربىيەتچىلىكتە، ئىسىم ـ سۈپەتتە يىگانە دەپ ئېتىقاد قىلىش، سۆز ياكى ھەرىكەتتە بولسۇن ئىبادەت قىلىشقا لايىق بىردىن بىر زات ئاللاھ دەپ بىلىش قاتارلىقلار ئىسلامنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن ئىسلامنىڭ بارلىق نىزاملىرى، ھۆكۈملىرى، بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىنىڭ بىخلىنىپ چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : ت.شەھىدى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«ساغلام ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى» ھايات بىر دېڭىز، ئىنسان ئۇ دېڭىزدا كېمىدە يولغا چىققان بىر سەيياھ، دىنى ئېتىقاد ئۇ كېمىنىڭ كاپىتانى. كاپىتانسىز كېمىنىڭ مەنزىلگە يېتىپ بېرىشى ئىمكانسىز بولغىنىدەك، دىنى ئېتىقادسىز ئادەممۇ ئۆمۈر مەنزىلىگە يېتىپ بارالمايدۇ. ئۇنداق بولغاندا دىنىي ئېتىقاد ئىنساننىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى ۋە ئايرىلالماس ھايات قوماندانى.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : نىزامىددىن تەمكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جانلىق ۋە جانسىز ھەر قانداق نەرسە بىر ئىلاھى قانۇن بىلەن ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلماقتا ئىكەنۇ.. ، بۇ ئىنساننىڭ كۆزى ۋە ئەقلى خۇددى غۇۋا پەردىلەر بىلەن توسۇلۇپ قالغاندەك بۇ ھەقىقەتلەرگە كۆز يۇمغان ۋە ئۇنىڭغا خىلاپ چۈشەنچىدە بولۇش بىلەن بىرگە كۇپۇرنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا ئەتراپنى تىمىسقىلاپ يۇرمەكتە.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : ئا. مۇھەممەد ئەلى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«ئىخلاس- ساداقەت رەمزىدۇر» ناملىق بۇ ماقالىدە، مۇسۇلمان ھاياتىدا ئىخلاسنىڭ نەقەدەر مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى، بەلگىلەنگەن ئىبادەت ۋە ھەر قانداق بىر ياخشى ئىشلاردا ھېچقانداق بىر مەنپەئەت ياكى پايدىنى كۆزلىمەستىن، پەقەت ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى مەقسەت قىلىش ئىخلاسنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.