كاتوگۇرىيە تۈرى

معلومات المواد باللغة العربية

Calling to Allah's Religion

بۆلۇم سانى: 39

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار ناملىق بۇ رىسالىدە، رامىزان روزىسى ۋە نەپلە روزىلارغا دائىر بولغان بارلىق ئەھكاملار، روزىنىڭ ۋاجىب ۋە شەرتلىرى، سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىرى، تەراۋىھ نامىزى، ئېتىكاپ ۋە سەدىقە پىتىر قاتارلىق رامىزان ئېيىدىكى مۇھىم ئەمەللەرنى قۇرئان سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھالدا تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : شەيخ ئەھمەد شەپىق بەھجەت تەرجىمە قىلغۇچى : سابىرجان تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    بۇ ئەسەر پەيغەمبەرلەر قىسسىلىرى ئارىسىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن تۈزۈلگەن بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە ئىسمى تىلغا ئىلىنغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئەسەر، تارىخى يازمىلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالسىلا بولىدىغان ياكى ئىسلامدىن ئىلگىرىمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ بارلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدىغان رولىنىلا ئوينىماستىن بەلكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلىشىنى ھەرۋاقىت ئىسىدىن چىقارمىغانلارنىڭ قەلبلىرىگە جۇشقۇن روھ ۋە جاسارەت ئاتا قىلغۇسى.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    «مۆمىننىڭ ئەقىدىسى» ناملىق بۇ ئەسەر، ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەقىدە مەسىلىلىرىنى ئىسپاتلاشتا ئەقلى ۋە شەرئى دەلىللەرنى بىرلىكتە كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە ھازىرقى زامان تەلىپىگە ئۇيغۇن ھالدا يېزىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئەقىدە كىتابلىرىدىن سانىلىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : بىر گورۇپ ئالىملار تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز تەرجىمە قىلغۇچى : مۆمىن جان تەرجىمە قىلغۇچى : نىزامىددىن تەمكىنى تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : www.tafseer.info

    «مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر» ناملىق بۇ ئەسەر ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ﺋﯚﺯ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ رەۋىشتە ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ پايدىلىقتۇر. بۇ كىتاب دىنى ھۆكۈملەرنى بىلمەيدىغان ياكى بىلىشكە قىزىقىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئەسەر دەپ قارىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشى ۋە ئەمەل قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇلئەھەد ھاپىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان «ئىسلامدا كىشىلىك ھوقۇق» ناملىق بۇ ئەسەر، ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدا يېزىلغان سىېلىشتۇرما خاراكتېرلىق كىتاب بولۇپ، ئىسلامدا ھۆرىيەت چۈشەنچىسى، ئىنسان ھەقلىرى نىزامنامىسىنىڭ تارىخى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىنسانىيەت ھەق-ھوقۇقىغا ئائىت نۇقتىلىق بەش نەرسىنى ھىمايە قىلىشنى ئۆز ئۇستىگە ئالغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىسلام شەرىئىتى ۋە ھازىرقى زامان قانۇنىدىكى پرىنسىپلىرى قاتارلىق ھۆرىيەت ۋە ھەق-ھوقۇققا دائىر بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مۇھىم بىلىملەر ھوزۇرۇڭلاردا.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    «دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار» ناملىق بۇ كىتابچىدا، ئاپتور ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ۋە يولغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلىلەرنى، كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىنىڭ قولايلىق بولىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان218 سوئال ۋە جاۋابنى، سوئال-جاۋاب شەكلىدە تەييارلاپ ھۆزۈرۈڭلارغا تەقدىم قىلدى.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : پىغانى ئۇيغۇرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «پەزىلەتلىك ئەمەللەر» ناملىق بۇ كىتاپتا ئاپتۇر ئىسلام دىنىدىكى ئىبادەتلەر ئەقىلغا تايانماستىن ؛بەلكى قۇرئان ۋە ھەدىسگە ئاساسلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، بەندىنى ئاللاھقا يىقىنلاشتۇرىدىغان، ئىنساننىڭ روھى ۋە مەنىۋىيىتىگە ۋاستسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەمەللەرنى قۇرئان ۋە ساغلام ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ چۈشەنچە بېىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : مۇپتى مۇھەممەد كىپايىتۇللاھ تەرجىمە قىلغۇچى : ئەبۇ ئالىيە تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئىسلام تەلىماتى» بۇ ئەسەر كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ چۈشۇنىشى قولاي بولسۇن ئۈچۈن سۇئال - جاۋاپ ئۇسلۇبى بىلەن تەييارلانغان بولۇپ، ئىنسان ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان بەزى بىر مۇھىم مەسىلىلەرنى، مەيلى ئۇ ئەقىدىگە ئائىت ۋەياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پىقھى مەسىلىلەرگە ئائىت بولسۇن قۇرئان ۋە ھەدىسگە تايانغان ئاساستا، ئۇ مەسىلىلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئۈچۈق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    ئاپتور : مەھمۇد شاكىر تەرجىمە قىلغۇچى : سابىرجان تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئىز باسار تۆت خەلىپە » ناملىق بۇ ئەسەر ئەبۇبەكرى سىددىق، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىق پەزىلەتلىك تۆت ساھابىنىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدىكى ئىسلامغا قوشقان تۆھپىلىرى، دىن تارقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىق روھلىرى قاتارلىقلارنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : ئەلى تەنتاۋى تەرجىمە قىلغۇچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئىسلام دىنىنى ئومۇمى تونۇشتۇرۇش»ناملىق بۇ ئەسەر ئىسلام دىنىنى ئەڭ ئاسان ئۇسۇل بىلەن چۇشەندۇرۇپلا قالماي؛بەلكى ئىسلامنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى مۆمىن قەلبىدە ئۇرغۇتقۇسى.بۇ كىتاب ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىلەن ھەر-خىل شەيتانى خىياللارغا قانائەتلىنەرلىك ئەقلى دەلىل ۋە قۇرئان كەرىم ، ساغلام ھەدىسلەرنىڭ روھى بىلەن ئىلمى ئاساستا ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : ھەسسان ئىبنى سابىت تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئوسمۇرلەر ئۈچۈن دەسلەپكى ئىسلام تەلىماتى» ناملىق بۇ ئەسەر، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ، ئېتىقاتلىق، بىلىملىك، ئەدەپلىك ۋە غەيرەت شۇجائەتلىك ، ئىمانى ۋە ئىنسانى پەزىلەت بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە تۇرتكە بولغۇسى، ئۇنىڭغا قانداق تەربىيەلەرنى بىرىشىمىز ، نىمىلەرنى ئۈگۈتۇشىمىزنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا ئوسمۇرلەرنىڭ ئېڭىغا ماس ھالدا، قۇرئان ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ چۇشۇنۇشلىك قىلىپ بۇ ھەقتە يوليورۇق بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : دوكتۇر ئىبراھىم سارىچام ئاپتور : سەۋگى قارا بۇلۇت ئاپتور : سۇئاۋى كامال يازگىچ تەرجىمە قىلغۇچى : ئا.مەجىد تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز» ناملىق بۇ ئەسەر سۆيۇملۇك ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، پەيغەەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كىلىشى، ئائىلە كىلىپ چىقىشى، ئوسمۇرلۇك دەۋرى، پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى ھاياتى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى، ئەخلاقى، سەۋىرچانلىقى،كەمتەرلىكى، ئىنسانپەرۋەرلىكى...قاتارلىق پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىغا ئائىت، ياش ئۆسمۇرلەرنىڭ بىلىشى زورۇر دەپ قارالغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : ھۇسەيىن ئەلئەۋايىشە تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇلئەھەد ئابدۇلكەرىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «غەيۋەت ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائى جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى»ناملىق بۇ كىتاپتا، غەيۋەتنىڭ ئىنسان ھاياتىغا ۋە كىشىلىك جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان يامان تەسىرى، ئىنسان ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلىشىدىكى ئاساسلىق باسقۇچ ئىكەنلىكى، ئىسلام دىنىمىزدا قاتتىق چەكلەنگەن قىلمىشلىقى، غەيۋەتخور دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇ، رەزىل قىلمىشى ئۈچۈن تىگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ھەدىسگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بايان قىلىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە
  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئىسلام دىنىنىڭ روھى» ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتور ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ بىلىۋېلىشى زۆرۈر بولغان كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە ئائىت ئاساسى مەزمۇننى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئىسلامنىڭ ئاساسى پرىنسىپىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دىنىنىڭ زامان-ماكان تاللىماستىن ھەرقانداق ھازارەت بىلەن خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان ھالدا ماسلىشىپ كېتەلەيدىغانلىقى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلاھىي ۋەھيى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىل پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە قۇرئان كەرىمدىن ئىلمى دەلىللەرنى كەلتۈرگەندىن سىرت ئەقلى ئىسپاتلار بىلەن دەلىللەيدۇ. دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان تۆھمەت ۋە شەك-شۇبھىلەرگە ئىلمى ئۇسۇلدا ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    «دىن ۋە ھايات» ناملىق بۇ ئەسەر 2000 سوئال ۋە جاۋابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاپتۇر ئەسىرىدە تەۋھىدنىڭ ھەقىقىتى ۋە تۈرلىرى، ئىمان ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى، ئىسلام دىنىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭدىكى كەڭرىچىلىك، رەسۇلۇللاھنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى، ئائىلە تۇزۇمى ۋە پەرزەنت تەربىيىسى قاتارلىق ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ بېلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان دىنى، ئىجتىمائى، سىياسى ۋە ئىقتىسادى، مەسىلىلەرگە ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ھەقىقەتنىڭ ئېلانى, ناملىق بۇ كىتاب مۇندىن يۈز يىل ئىلگىرى ھىندۇستانلىق ئالىم رەھمەتۇللاھ ھىندىي دېگەن كىشىنىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان 4 توملۇق كىتاب بولۇپ، تەۋرات ، ئىنجىل ۋە قۇرئان ھەققىدە تەپسىلى توختۇلۇپ، يەھۇدىي ۋە خرىستىئان مۇرتلىرىنىڭ سەپسەتىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى كىتابلىرىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك دەلىل-پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ كىتاب كېيىنچە 1تومغا قىسقارتىلغان. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئەنە شۇ قىسقارتىلغان ئاخىرقى نۇسخىسىغا ئاساسەن ياش تەرجىمان دىنى زىيالى ژورنالىست مۇھەممەد يۇسۇپ ئەپەندىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    تەۋبە قىلغۇچىلار باغچىسى ناملىق بۇ كىتاپ ياش تەرجىمان دىنى زىيالى ئا.ئابدۇرەھمان خاقانى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتاپ ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزىنىڭ تەسىرلىك ۋەقەلىكى بىلەن ئوقۇرمەننى ھېدايەت يولىغا يېتەكلەپ، ئىككى دۇنيالىق مۇرادىنىڭ ھاسىل بولىشىدا تۈرۈتكۈلۇك رول ئوينىغۇسى... قېنى مەرھەمەت!

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئىسلامدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ۋە مۇھىم ئەمەللىرى ناملىق بۇ كىتاپ ياش دىنى زىيالى ھەدىسشۇناس سەيپىددىن ئەپەندىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.بۇ كىتاب ئۆقۇرمەنلەرگە، غەرىپ ئەللىرىنىڭ ئىسلامنىڭ، ئىسلام ئاياللىرىغا تولۇق كىشىلىك ھوقۇقۇنى بەرمىدى دىگەندەك بىرقىسىم توھمەت خاراكتىرلىق كۆز قارىشىنى ئوچۇق بايان قىلىپ،ئۇنىڭغا قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن جاۋاپ بىرىدۇ. شۇنداقلا ئاياللارنىڭ پاك ـ دىيانەتلىك، ئەخلاق ـ پەزىلەتلىك بولىشى شۇ مىللەتنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرى ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە بولغاچقا ئۇلار ئاياللارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزۇشنى ئاساسى مەخسەت قىلغان. ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ دۇنيادىكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ بىر قىسمى بولغانلىقىنى كۆزدە تۈتۈپ ئىسلام دىنى ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىغا قانداق ھەق-ھۆقۇق بەرگەنلىكىنى بىلىۋىلىشىنى كۆزدە تۈتۈپ بۇ ئەسەرنى ھۆزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.